欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(西某某危险驾驶案)

2021-09-21 尘埃 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                  ئۈ ش س ت 2-باشقارما [2020] يىللىق: 209- نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ش**، ئەر، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6501021983********، ئۇيغۇر، تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى ** يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى ** كوچىسى ** ئولتۇراق رايونى** -بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكار ش**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4–كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 02:55 لەردە، جاۋابكار ش** ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە 新A***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى ** ئولتۇراق رايونى **-قاراردىن ھەيدەپ چىقىپ، ** كوچىسى بىلەن ** يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 193 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

1)​ يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى، جاۋابكارنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، جاۋابكارنىڭ قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالەنامىسى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛

2)​ باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] **-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسى؛

3)​ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛

4)​ نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ماتېرىيالى؛

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ش**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

 ھۆرمەت بىلەن:

                         تەپتىش: گۈلباھار ئابدۇرېشىت

                     تەپتىش ياردەمچىسى: ئەزھەر ئەخمەت*

                       2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئەسكەرتىش: 

1)​  جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

2)​  دېلو ماتېرىيالى 2 توپلام، ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

3)​ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىشنامە بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top