شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 236-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ش**، ئايال، ئۇيغۇر، ** ياش (****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 1021******** 652925، مۇقىم كەسپى يوق، شىنجاڭ ت**ناھىيىسىدىن، نۇپۇش تۇرۇشلۇق ئورنى: ت** ناھىيە ئى** بازار ئى**كەنىت **-گۇرۇپ **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرغى: ت** ناھىيە بازىرى ز** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس ***-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
جاۋاپكار ش**نىڭ ئوغورلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2020) 115-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق:
جاۋابكار ش** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13:00 لەر بىلەن، نەۋرە ئاچىسى گ**نىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيە دىلئارام توي مەرىگە زالىغا كەلگەن. توي مۇراسىمى باشلىنىپ سائەت 16:30 لەر ئەتىراپىدا توي قىلغان قىز-يىگىتلەر سورۇنغا چوڭلارغا سالام قىلغىلى چىققان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا زىيانلانغۇچى گ** ئۈزىنىڭ 4680 يۈەن قىممىتىدىكى قارا رەڭلىك iphone x ماركىلىق، ئىچكى سىغىمى 256G بولغان تىلفۇننى توي جوزىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قۇيۇپ سۇرۇنغا چىقىپ كەتكەن. جاۋاپكار ش** توي جوزىسىنىڭ ئۈستىدىكى بۇ تىلفۇننى كۈرۈپ، توي جوزىسىدا باشقا ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، شۇ پۇرسەتتە تىلفۇننى ئوغۇرلاش نىيتىگە كىلىپ، تىلفۇننى ئوغۇرلاپ ئېلىپ، دىلئارام توي مەرىكە زالىدىن قايتىپ چىقىپ كەتكەن. جاۋاپكار ش** شۇ كۈنى سائەت 19:00 ئەتىراپىدا، يۇقارقى ئوغورلاپ چىققان تىلفۇننى توقسۇ ناھىيە بازىرى بەخت يولى 2-كوچا 1-نومۇر بەخت يولى پىيادىلەر كوچىسى 1-بىنا 1-102-نۇمۇرلۇق تېلفون سېتىش دۇكىنىغا ئېلىپ كېلىپ، مۇشۇ دۇكاندا ئىشلەيدىغان ت**غا 900 يۈەنگە سېتىۋەتكەن. جاۋاپكار ش** تۇتۇلغاندىن كېيىن تېلفون قولغا چۈشۈپ، زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن ماتىريالى، باھالاشنامە، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ش**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغورلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى جازاسى، 2000 يۇەن شىتراپ جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论