شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 105- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ش، XXئەر، ئۇيغۇر،1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011989********،نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** بازىرى** كەنىت **-نۇمۇرلۇق ئۆي. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 1يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تەكرار جىنايەتچى. ئوغۇرلۇق جىنايتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار شXXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىنىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،دىلو ماتىرىيالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ دىلونى سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
1. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، جاۋاپكار شXX ئىدىقۇت رايۇن **دىكى ، ر XXنىڭ ئۈزۈملىكىگە ئىشلىگىلى بېرىپ چۈش بولغان ۋاقىتتا، ئۆيدە ئادەمنىڭ يوقلىقى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيدىكى ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى بىر دانە سېرىق رەڭلىك سومكىنىڭ ئىچىدىن2150 يۈئەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2019-يىلى 10-ئايلارنىڭ ئوتتۇرلىرى بىر كۈنى، جاۋاپكار شXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئىدىقۇت رايۇن ** يېزا ** كەنت**-گۇرۇپپىدا رXXنىڭ ئۈيىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىچىدىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئىچىگە كىرىپ كاڭنىڭ ئۈستىدىكى گىلەمنى قايرىپ ئاستىدىكى 3100 يۈئەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى سولاپ قويغاندىن كىيىن، قايتىپ كەتكەن،ئوغۇرلىغان 3100 يۈەن پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2019-يىلى 10- ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى، جاۋاپكار شXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئىدىقۇت رايۇن ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق دXXنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە ئېسىپ قويغان چاپىنىنىڭ ئىچىدىن 600يۈەن ئوغۇرلاپ، ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن.
ئوموملاشتۇرغاندا، جاۋاپكار شXX 2019-يىلى 9-ئاي،10-ئايلاردا جەمى 3 قېتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ باشقىلارنىڭ 5850يۈەن نەق پۇلىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :
يازما ئىسپاتلار؛ دېلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۆرىتى ۋە خەرىتىسى؛ نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرسى ، تۇتۇپ قېلىنغان، قايتۇرۇلغان ماددىي بۇيۇملار تىزىملىكى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار شXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ قىممىتى كۆپرەك بولغان مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. تەكرار جىنايەتچى، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 264-ماددىسىنىڭ، 65-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكار شXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2020- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار شXX ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىپى ئىككى توپلام، تەپتىش ئارخپى بىر توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، 1 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论