欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(西某某盗窃案)_焉耆县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

焉耆县人民检察院

起 诉 书

焉检一部刑诉〔2020〕68号

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

               

                  ق ت ج ئەيىبلەش[2020] 68 -نومۇرلۇق

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

جاۋابكار ش نامەلۇم،ئەر،20XX-يىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى شىنجاڭ XX ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:65282919XXXXXXXX، ئۇيغۇر، دېھقان، ساۋاتسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ XX ناھىيە XX يېزىسى XX كەنتى 3-گۇرۇپ 30-نۇمۇرلۇق قورۇ. 

-2019يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇققا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىز تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن شۇ كۈنى ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، ھازىر باغراش ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

جاۋابكار ش نامەلۇمنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى  بىرىنچى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتا قۇبۇل قىلىندى، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككىنچى قېتىم قايتا قۇبۇل قىلىندى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار  مەزكۇر دېلودا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

1)جاۋابكار ش نامەلۇم 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 20:00 لەر ئەتىراپىدا قاراشەھەر ناھىيىسى ۋەن خاۋ مېھمانخانىسىنىڭ 8- نومۇرلۇق ياتاقتا زىيانلانغۇچى ئا نامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا زىيانلانغۇچىنىڭ يان تېلېفوننى ئېلىپ ، ماگىزىندىن سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ قايتىپ كىرگەندە زىيانلانغۇچى ئا نامەلۇم ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ كارۋات ئۈستىگە سېلىپ قويغان ئىشتاننىڭ يانچۇقىدىكى 1000 يۈەن نەق پۇلنى ۋە يان تېلېفوننى ئوغرىلاپ مېھمانخانىدىن ئايرىلغان، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 300 يۈەن قىزىل بولاقنى ئوغرىلاپ ئىشلەتكەن. جاۋابكار ش نامەلۇم ئوغۇرلىغان يان تېلېفون قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىيانلانغۇچى ئا نامەلۇمغا قايتۇرۇلغان.يان تىلفۇننىڭ قىممىتى  قاراشەھەر ناھىيلىك مال-باھا ئىتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ (2019)87-نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بويۇملار باھاسىنى دەلىلەش يەكۈنىدە 367 يۈەن بولۇپ باھالانغان. 

2) جاۋابكار ش نامەلۇم 2017-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە قاراشەھەر ناھىيە مەرھابا يولى 60-نۇمۇرلۇق زىيانلانغۇچى خې نامەلۇمنىڭ ئۆيىگە ئادەم يوق ، ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق تاقالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ، ياتاق ئۆينىڭ كارۋىتىدىكى ، كۆرپە ئاستىدىن 1800 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلىغان، ئوغرىلىغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

3) 2019-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە  جاۋابكار ش نامەلۇم قاراشەھەر ناھىيە ۋۇخاۋچۈ يېزا سىخاۋچۈ كەنتى 2-گۇرپا 49-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى لى نامەلۇمنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئارتىلىپ ھويلىغا كىرىپ سول تەرەپتىكى بىرىنچى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى تۆمۈر كالتەك بىلەن  ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپ سالىدىغان ھالقىسىنى قايرىپ ئېچىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆيدىكى كارۋات بېشىغا قويۇپ قويغان ئىشكاپتىن 700 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ يەنە دەرۋازىدىن ئارتىلىپ چىقىپ كەتكەن. ئوغرىلىغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

4)جاۋابكار ش نامەلۇم 2017-يىلى 8-ئايدا  قاراشەھەر ناھىيە جىيەنگوڭتۈەن كۆۋرۈك بېشىدىكى زىيانلانغۇچى لو نامەلۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلا تېمىدىن ئارتىلىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ سول تەرەپ ئىككىنچى ئىشىكتىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ كارۋات بېشىدىكى كۆرپە ئاستىدىن 3800 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ھويلا تامدىن ئارتىلىپ چىقىپ كەتكەن، ئوغۇرلىغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

5)جاۋابكار ش نامەلۇم 2019-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە  قاراشەھەر ناھىيە دەنزىل بازىرىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى زىيانلانغۇچى گۈ نامەلۇمىنىڭ ئۆيىگە ھويلا تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا كىرگەندىن كىيىن ئۆينىڭ ئالدى دېرىزىسىدىن ئارتىلىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ كارۋات ئۈستىگە قويۇپ قويغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ قويغان 860 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلىغان، ئوغۇرلىغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

6) جاۋابكار ش نامەلۇم2018-يىلى 9-ئايدا ياقۇپ (سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس) بىلەن بىرلىشىپ كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى قارباغ كەنتى 3-گۇرپىدىكى زىيانلانغۇچى تا نامەلۇمنىڭ نەشپۈتلىك بېغىدىن ئۈزۈپ ساندۇققا قاچىلاپ قويغان 800 كىلوگىرام بىرىنچى دەرىجىلىك كورلانەشپۈتىنى ئوغۇرلاپ، كورلا شەھىرى خەيباۋ مىۋە-چىۋە توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ 2700 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. ئوغۇرلىغان نەشپۈتنىڭ قىممىتى قاراشەھەر ناھىيلىك مال-باھا ئىتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ (2020)2-نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بويۇملار باھاسىنى دەلىلەش يەكۈنىدە 3104 يۈەن بولۇپ باھالانغان. 

7) جاۋابكار ش نامەلۇم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى توقسۇ ناھىيىسى ئۈچقات يېزىسى قەدىمىي شەھەر يولىدىكى يەر ئاستى قاۋاقتا زىيانلانغۇچى ر نامەلۇم ۋە يۈ نامەلۇملار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ زىيانلانغۇچى مەست بولۇپ قالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، زىيانلانغۇچى ر نامەلۇمانىڭ بىر دانە OPPO A83 ماركىلىق يان تېلېفونىنى، زىيانلانغۇچى يۈنامەلۇمنىڭ بىر دانە VIVO Y79A ماركىلىق يان تېلېفوننى ئوغرىلاپ، توقسۇ ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ 150 يۈەنگە سېتىۋەتكەن، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. ئوغرىلىغان يان تېلېفونلار قاراشەھەر ناھىيلىك مال -باھانى ئېتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ [2020]1-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە بىر دانە توخۇڭ رەڭلىك ئىچكى سىغىمى 32G بولغان  OPPO A83 ماركىلىق يان تېلېفوننىڭ قىممىتى 333يۈەن بولۇپ باھالانغان، بىر دانە VIVO Y79A ماركىلىق سۇس سېرىق رەڭلىك ئىچكى سىغىمى 64G بولغان يان تېلېفوننىڭ قىمىىتى 400 يۈەن بولۇپ باھالانغان. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ. 

يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ش نامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.     

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ش نامەلۇم قانۇنسىز ئىگەنللىۋىلىش مەخسىتىدە يۇشۇرۇن ئوغۇرلاش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ كۆپ قېتىم كۆپ ئورۇندا خۇسۇسلارنىڭ 8460 يۈەن قىمىتىدىكى نەق پۇل 4204 يۈەن جەمئىي 12664 يۈەن قىممىتىدىكى مال مۈلۈكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن 

  پۈتۈكچى : نىجات سىدىق

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

قوشۇمچە:

(1)جاۋابكار ش نامەلۇم باغراش ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق

(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام. 

(3) گۇناھىنى تۇنۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top