欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(西某某诈骗案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕 7783- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار شX )بۇرۇنقى ئىسمى: ئاX)، ئەر، ئويغۇر، 1992- يىلى**- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271992، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسگە ئىگە،كىچىك ماشىنا رىمۇنتچىسى، شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيىسىدىن، ئولتۇرغى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى** كەنت **-گوروپپا **-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 19- كۇنى، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.ھازىر كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕755- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار شXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2019- يىلى11–ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2019-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى ئۇزارتتۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار شX 2019-يىلى 02-ئاي مەزگىلىدە، ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسى بېجىرىمەن دەپ ئېلان چىقارغان،2019-يىلى 4-ئايدا ئېX، شXنىڭ ئۈندىدارىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ مەشغۇلات كېنىشكىسى بېجىرىش ئىشىغا قىزىقىپ شXنى قوشقان، شX ئۆزىنى **دىن دەپ تۇنۇشتۇرغان،ئېX شXغا توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كېنىشكىسىنى بېجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى دىگەندە،شX ماقۇل بۇلۇپ «ئونىۋېرسال كېنىشكە بېجىرىپ بىرەي،توپا قىزىش ماشىنىسىغىمۇ،توپا ئۇسۇش ماشىنىسىغىمۇ ئىشلەيدۇ» دىگەن،ئېX ماقۇل بۇلۇپ شX بىلەن بىر دانە كېنىشكە بېجىرىشكە دىيىشكەن ،كېيىن ئېXمۇ ئۇندىدارىغا توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كېنىشكىسىنى بېجىرىمەن دەپ ئېلان بەرگەن .

1. 2019-يىل 4-ئاي مەزگىلىدە ئېXئۈزىنىڭ ئۈندىدارىغا توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدا ئېلان چىقارغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى مX 2019-يىل 6-ئايدا ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بىجىرمەكچى بۇلۇپ ئېX بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ، 2019-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن ئۈچ قېتىمدا 1100 يۈەن پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئېXبۇ پۇلدىن 400 يۈەننى ئۈزى ئايرىپ قالغاندىن كېيىن جاۋابكار شXغا 700 يۈەن پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، شX كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەندىن كېيىن،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن مXنىڭ زىيىنى ئېX تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلگەن .

2. 2019-يىل 6-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى تX، ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ، ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېXبىلەن ئالاقىلىشىپ، 2019-يىل 6-ئايدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن 1200 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېx بۇ پۇلدىن 1000 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، تX كېنىشكە بېجىرىلىپ كەلمىگەندىن كېيىن ئېXنى كۆپ قېتىم سۈيلەپ 2019-يىل 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېX بىلەن كۇچا ناھىيە **دە كۈرۈشكەندىن كېيىن 1200 يۈەن پۇلىنى قايتۇرىۋالغان ،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .

3. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى ئۆX،ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ، ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن كۇچا ناھىيە ** كوچىسىدىكى ** بانكىسىنىڭ ئالدىدا كۈرۈشۈپ كېنىشكە بېجىرىش ھەققىنى 900 يۈەنگە دىيىشكەن، 700 يۈەننى ئالدىن بىرىدىغان،قالغان قىسمىنى كېنىشكە چىققاندا بىرىدىغان بۇلۇپ كىلىشكەن، ئۆX ئۈزىگە ۋە قX ، رX ئىككىسىگە كېنىشكە بېجىرىش ئۈچۈن 2019-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن 1600 يۈەن ، نەق پۇل شەكلى بىلەن500 يۈەن بەرگەن،2019-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېX كېنىشكە چىقتى،قالغان پۇلنى بىرىڭلار دىگەندىن كېيىن ئۆX يەنە 600 يۈەننى ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن ئېXغا ئېتىپ بەرگەن ،ئېX بۇ پۇلدىن 2000 يۈەن پۇلنى جاۋابكار شXغا ئېتىپ بەرگەن،ئۈزى 700 يۈەن پۇلنى ئېلىپ قالغان، شX كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن،ھەم پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن، ئۆX كېنىشكە بېجىرىلىپ چىقمىغاندىن كېيىن ئېXدىن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ 2019-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېX ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن ئىككى قېتىمدا 1450 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئۆX، رX،قX قاتارلىقلارنىڭ ئېX ئۇلارغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن 1250 يۈەن ئىقتىسادى زىينى ئەسلىگە كەلدى.

4. 2019-يىل 6-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى ھىX، ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ 2019-يىل 6-ئايدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن ئىككى قېتىمدا 1400 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 1100 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ھىXنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

5. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى قX، ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ 2019-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن 800 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 500 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن قXنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلگەن .

6. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى قX،ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسى بىلەن توپا قىزىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ 2019-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىككى قېتىمدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن جەمئى 1200 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 1000 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن قXنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلگەن .

7. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى ئېX،ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ،ئۈزىگە ۋە ھىXغا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىككى قېتىمدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى ۋە نەق پۇل بۇلۇپ جەمئى 1400 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 1000 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، ئېX،ھىXنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى ئېX تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلگەن.

8. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى ئاX ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ، ئۈزىگە توپا قىزىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ 2019-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىككى قېتىمدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن جەمئى 1300 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 1000 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئاX Xىنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

9. 2019-يىل 6-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى پX ئېXدوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ، ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۈچ قېتىمدا ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن جەمئى 1100 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 800 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن پXنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

10. 2019-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە ئاX ئېX دوستلار چەمبىرىكىچە چىقارغان توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۈرۈپ، ئۈزىگە توپا ئۇسۇش ماشىنىسى،توپا قىزىش ماشىنسىنىڭ مەشغۇلات كېنىشكىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېX بىلەن ئالاقىلىشىپ 2019-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلى بىلەن 800 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن،ئېX بۇ پۇلدىن 500 يۈەننى جاۋابكار شXغا ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، شX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كېنىشكە بېجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئاXنىڭ ئىقتىسادى زىينى ئېX تەرىپىدىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

يىغىپ ئېيتقاندا، جاۋابكار شX قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، 10 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 9600 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىياننى قايتۇرمىغان .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار شXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە،يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆپ مىقتاردىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ،دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار شXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددا1-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ،8 ئاي قاماق جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە شىتىراف قۇيۇش تەكپىلىنى بېرىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار شX ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، ئالماشتۇرۇپ قاماش رەسمىيتى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top