欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(买某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 82–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار مە**، ئەر،19**– يىلى**– ئاينىڭ**– كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 6528011985********، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.كەسپىي: دېھقان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** شەھەر ** يېزا ** كەنىت *-گۇرۇپپا**-نۇمۇر ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** شەھەر ** يېزا **كەنىت *-گۇرۇپپا**-نۇمۇر ،بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار مە** 2019-يىلى02-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21:30لەر ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MB*** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،**شەھەر ** يېزا **كەنت ** يۇلىدا غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ مېڭىپ ** يۇلى بىلەن** يۇلى كىسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە،** يۇلىدا جەنۇپتىن-شەرىققە ماڭغان تۇر** ھەيدىگەن 新M**نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سۇقۇلغان ،نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان،ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ،نەق مەيداندا تۇتۇلغان ،

شىنجاڭ خۋاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 0953-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار مە**نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا142.11مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2019)12099نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە مە** ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مە** ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارمە**نىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار مە**نى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

گۈلبانۇم قادىر

2020-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى

ئەسكەرتىش :

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top