كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2019 ) 1196–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار يا** (بۇرۇن قوللانغان باشقا ئىسمى يوق ، لەقىمى يوق) ،ئەر ، ئۇيغۇر ،19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، مەدەنىيەت سەۋىيەسى :باشلانغۇچ مەكتەپ، يۇرتى: كورلا شەھەر ، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528011985،كەسپى: تىجارەتچى ،نۇپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورۇن:**شەھەر ** يېزىسى** كەنتى *-ئەترەت *-ئۆي،ھازىرىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھەر ** يېزىسى ** كەنتى *-ئەترەت *-ئۆي، سىياسىي قىياپىتى: ئامما،2005-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 7ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكاريا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار يا** 2018-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى سائەت 23لەر ئەتىراپىدا، يا** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە **新Mنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، ** شەھەر ** يولىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ قارا يۇلغۇن ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە ماشىنا كونتىرۇللىقىنى يوقىتىپ يولنىڭ يېندىكى ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەن،نەتىجىدە يا**نىڭ يارلىنىشى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2018) 5013-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار يا**نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا169.36مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2018)4886نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە يا** بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكاريا**نىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكاريا**نى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
گۈلبانۇم قادىر
2019-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论