温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕139号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 139-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار يا xx، ئەر، 1972-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221972، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار يا xx نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇختۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار يا xx 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە، پىراۋسىز ھالدا، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ گۈلئاۋات يېزا باغچا كەنىت 5-مەللە يول بۆلكىدە يول يۈرۋاتقاندا، چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرى بايقىلىپ تۇتۇلغان. جاۋابكار يا xx نىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىبى بولسا mg/100ml 212.73 چىققان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار يا xx نىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
جاۋاپكار يا xx نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار يا xx نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار يا xx ھازىرئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论