温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕316号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)316-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئېXX، ئەر ، ئۇيغۇر،1993-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:XXXXXXXX 6529221993 ، شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە XيېزاX كەنت X-مەھەللە X-قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ شۇ كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكارئېXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگۇمانى بىلەن 2020–يىلى 4-ئاينىڭ17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئېXX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى، سائەت 20:35 ئەتىراپىدا ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ توخۇلايېزا تۆۋەنكى قۇرباغ كەنت 2-مەھەللىدىكى يولدا توختاتقاندا چارلاۋاتقان كەنت ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ،ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە مەلۇم قىلىنغان.
جاۋاپكار ئېXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml251.16 غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارئېXX نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار ئېXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارئېXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى:ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ئېXX ھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى: XXXXXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论