欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(努某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕374号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئو ت ئەيىبلەش (2020) 374-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار نۇ XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXX 6529011986، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، XX شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX رايۇن XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار نۇ XX نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار نۇ XX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 23 دىن 33 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە 新N XXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە داۋشىياڭ يولى بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئونسۇ بازارلىق ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار نۇ XX نىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml 235.59 چىققان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار نۇ XX نىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

جاۋاپكار نۇ XX نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار نۇ XX نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                      تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                       پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار نۇ XX ھازىرئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top