欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(古某某盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕18号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 18-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار گۈ xx، ئايال، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x–مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار گۈ xxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار گۈ xx 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا xيېزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى (x) خاxنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىققا كىرىپ، بىرتال xرەڭلىك xماركىلىق يان تېلىفۇن، 3.17 گىرام ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن ھالقا ۋە ئالتۇن ئۈزۈك، ئىككى جۈپ ئاياق، بىر دانە توك قازىنى بولۇپ، 1259.3 يۈەن قىممىتىدىكى مال–مۈلۈكنى ئوغرىلىغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى. 

جاۋابكار گۈ xx 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا xيېزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى (x) بۇx نىڭ ئۈيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ ئەتراپتىن ئالغان بىر دانە تاش ئارقىلىق ئىشىكنىڭ قۇلپىسىنى ئۇرۇپ چېقىپ ئوغرىلىققا كىرىپ، 1400 يۈەن نەق پۇل، ئىككى تال xكۆينەك، بىر تال xيېپىنچا، بىر تال xكوپتا، ئىككى دانە بارماق دىسكا، بىر دانە توك قازان، ئىككى جۈپ xئايىغى، تۆت قۇتا ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى، قوي گۆشى، ئۈچ بولاق تازىلىق قەغىزى بولۇپ، 860 قىممىتىدىكى مال–مۈلۈك ۋە 1400 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلىغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار گۈ xxنىڭ باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى مال-مۈلۈكنى تۇيدۇرماي ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

  تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ 

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى x. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top