شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕 7782- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار تX،ئەر،ئۇيغۇر،1993-*-ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6529231993،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى:كۇچا ناھىيە **بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپ***-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان.
قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019- يىلى04- ئاينىڭ10-كۈنى ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019 -يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى9- ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ داۋاملىق قاماپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق دەپ قاراپ، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىۋىگە ئاساسەن، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شۇ كۈنى قاماقخانىدىن قۇيۇپ بېرىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن . ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕392-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تXنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى6-ئاينىڭ 21-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2019-يىلى7-ئاينىڭ21-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، 2019- يىلى8-ئاينىڭ5-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ4-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق،2019- يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى ،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار تX 2019-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى سائەت04:05 ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ 新N***نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىغا ئاX،مX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، كۇچاناھىيە ** ** يۇلىدا شىمالدىن -جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يولدا مەست ھالەتتە يېتىپ قالغان ئەXنى بېسپ ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئاX قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ « ئەتراپتا كۈزتۈش ئاپىراتى يوق مىڭىۋىرەيلى دېگەن» دېگەن، تX ماشىننى داۋاملىق ھەيدەپ ** ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ، ئۈچۈيلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، تX داۋاملىق ماشىننى ھەيدەپ ** بازىرى يېنىدىكى «**» KTV نىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىننى توختۇتۇپ، ماشىندىكى ئۈچەيلەن ھادىسە سادىر بولغان بولمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارغان،تX ھەقىقەتەن ھادىسە يۈز بېرىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ماشىننى ھەيدەپ ئۆزىنىڭ ** ئولتۇراق رايونىغا قايتىپ كەتكەن، نەتىنجىدە تX ھادىسە سادىر قىلىپ ئەXنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،قانۇنى جاۋابكارلىقتىن تارتىلىشتىن قورقۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن .
كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى (2019) 86-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە ، ئەXنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سوقۇلىشىدىن باش قىسمى ئېچىلىش خاراكتىرلىك زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .
كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا : تX ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەX ھادىسىدىكى قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك، جاۋابكار تXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ،دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز يول–قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە جامائەت بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار تXكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا2-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ، مۇددەتلىك 3 يىلدىن يۇقۇرى 5 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار تX بىر تەرەپ قىلنغۇچە كاپالەتىچگە بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر ئائىلىسدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 9 نۇسخا ئەيىبنەمە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
3) قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ ھەق-تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论