欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(吐某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕286号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)   -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار تۇ XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1979-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221979، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى،  شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX- مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۇنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  جاۋاپكارتۇر XX نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار تۇ XX 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۇنى ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن سەھەر سائەت 00 دىن 50 مىنۇتلار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ 新NXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە X بازىرى X كەنىت X- مەھەللىدىكى  قوشنىسى مە X نىڭ ئىشكى ئالدىغا توختۇتۇپ، مە X نىڭ ئىشىكىنى قاققان، مە X سىرىتقا چىققاندىن كىيىن تۇ XX مە XX بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكىنىسىنىڭ پۇلسىنى تۆلەش توغۇرلۇق ماجرالاشقان، ئارقىدىن تۇ 新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ ئىشىك ئالدىغا توختۇتۇپ قويغاندىن كىيىن ئۆيدىن چەيدو ئېلىپ چىقىپ، مە  XXنىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، چەيدو بىلەن مە XX نىڭ يۈزىنى چېپىۋەتكەن، مە XX تۇ XX نى ئاستىغا بېسىپ يۈز قىسمىغا مۇش بىلەن ئۇرغان، ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانا ساقچىلىرى جاۋاپكار XX تۇ بىلەن مە  XXنىڭ ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، جاۋاپكار تۇ XX نىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى پاش بولغان. مەزكۇر ماجرادىن كىيىن جاۋاپكار تۇ XX مە XX نىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۇچۇن 11000 يۈەن نەق پۇل بېرىپ، بۇندىن كىيىن باشقا داۋا-دەستۇر قىلىشمايدىغانغا  ئىقدىسادى جەھەتتىن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ  تۇگەشكەن.

ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە، جاۋاپكار تۇ XX نىڭ قان تەركىبىدە ml100/200.05 ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تۇ XX نىڭ ھاراق ئىچىپ  مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار تۇ XX نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

        ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش: نىجات ئەسقەر         

                        پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت    

                            2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار تۇ XX ھازىرئائىلىسىدە.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top