ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-ب ج ئە چىقىش (2019) 130–نومۇرلۇق
جاۋابكار ئو**، ئەر، ئۇيغۇر، 1968-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531011968، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئو**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 20-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ( دىجورنى ئادۇكات ) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.2019-يىلى 2- ئايلار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئو**، **نىڭ ** رايۇنى ** يولىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ ساتىراشخانىسىدا، ئۆزىنى ئاھالە كومىتىتىدا ئىشلەيمەن، ئىجارە ئۆي ھەل قىلالايمەن دىگەن باھانە بىلەن، ئىلگىر- كېيىن بولۇپ، نەق پۇل ۋە ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق، جەمى 7000.00 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
2.2019-يىلى 3- ئايلار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئو**، **نىڭ ** رايۇنى** يولى ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھو**كە ئىجارە ئۆي ھەل قىلىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىر- كېيىن بولۇپ، نەق پۇل ۋە ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق، جەمى 8000.00 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دېلو مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 4000.00 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
دىمەك،جاۋابكار 2 قېتىملىق ئالدامچىلىقتا جەمى باشقىلارنىڭ 11000.00 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئو**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**، ھو**لەرنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى: گۇۋاھچى ئە**، ما**لەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئو**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىداردا پۇل ئۇرغانلىق ئىسپاتى ۋە باشقا ئىسپاتلار؛
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتاباشقا پىكرى يوق، ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئو**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنى ئالداپ، خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن
تەپتىش ياردەمچىسى: ئابلەت ئابلىز
2019–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ئو** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论