乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2019〕XX号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019)XX-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX ناھىيە XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، XX يېزىلىق پارتىكومنىڭ بىرلىكسەپ كادىرى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ممەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تۇXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددىيىلاشتۇرۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار تXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى كەچ سائەت 9 يېرىم ئەتراپىدا XX بازىرى XX ئولتۇراق رايونىدىكى XX ساماۋەر شورپىخانسىدا ئاXX، مXX قاتارلىق ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەن. XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 04:20 ئەتىراپىدا ئۈيىگە قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ، ئاپىسى بXX نامىدىكى XX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى دالا ئاپتۇموبىلىنى ئۈزى يالغۇز مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ ئۆلكە يۇلى306-لېنىيەدە غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ مېڭىپ 80 كىلومىتىر 200 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە يولنىڭ ئوتتۇرسىدا پىيادە مەسىت ھالەتتە كىتىۋاتقان زىيانلانغۇچى سXX بىلەن توXXنى سوقىۋەتكەن. نەتىجىدە سXX بىلەن توXX نەق مەيداندا ئۆلگەن، ۋەقەدىن كىيىن جاۋابكار تXX ئۆلگۈچى ئائىلىسى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم قىسىمىدا كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسدە «جاۋابكار تXXيۇقارقى ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى، سXX بىلەن توXX ئورتاق قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ»دەپ ھادىسە ئېتراپنامىسى چىقارغان.
ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا سXX، توXXلەر بىسسىز سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە چوقا مېڭە ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن، دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋالىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXXنىڭ قاتناش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپ يول يۈرۈپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ ئىككى ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى قاتناش ھادسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: دىلمۇرات ئابدۇسالام
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات:
(1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论