乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX- نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX. XX ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخلىمەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى يەتكۈزدى ھەمدە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار تXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 20:30 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئېتىزلىقىدىن ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXX جاۋابكار تXXگە «شوخلامغا سۇ قويىۋىتىپسەن، مەن شوخلامنى قانداق تىرىيمەن، سېسىپ كەتمەمدۇ» دىگەندە، جاۋابكار تXX مXXغا «سەن ئېرىققا ياغاچ بېسىپ قويۇپسەن، نەدە شوخلىلىقىڭغا سۇ كىرىپ كىتىدۇ، سۇ كىرىپ كەتكەن بولسا مەن تۆلەپ بىرەي» دېگەن، بۇ چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى مXX جاۋابكار تXXنى «ماڭە بېرىپ كۆرۈپ باقىمىز» دەپ قولىدىن تارتقاندا، جاۋابكار تXX ماڭغىلى ئۇنىمىغان، شۇنىڭ بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى مXX جاۋابكار تXXنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغاندا، جاۋابكار تXXمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى مXXنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان، ئاندىن مXX يەردىن ئالمىچىلىك كىلىدىغان تاشتىن بىرنى قولىغا ئېلىپ جاۋابكار تXXنىڭ يۈزىگە ئۇرغاندىن كىيىن، جاۋابكار تXX تىزى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى مXXنىڭ قورسىقىغا ئىككى-ئۈچنى تىزلىغان، بۇ چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ ئوغلى تۇXX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) كېلىپ ياغاچ كالتەك بىلەن جاۋابكار تXXنىڭ بېشىنىڭ ئارقا مىڭە قىسىمىغا بىرنى سالغاندىن كېيىن تXXنىڭ بېشىدىن قان چىقىپ يەرگە يىقىلغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
ئۇچتۇرپان ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تېخنىك ئىشخانىسىنىڭ (2019)76-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمە دەرىجە باھالاشنامىسىدا «زىيانلانغۇچى XXنىڭ زەخمىسىنى 2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە»دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXنىڭ باشقىلارنىڭ تىنىنى زەخمىلەندۈرۈپ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئېغىر) جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا«جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论