欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(塔某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020) 84 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار تا**، ئەر،19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 6528011988******** ، ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.مۇقۇم كەسپى يوق،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شىنجاڭ ** شەھەر ** يېزىسى ** كەنتى*- گۇرۇپپا**-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى ** ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان،2019-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار تا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار تا** 2019-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى سائەت 03:45لەر ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新M** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، **شەھەر ** يۇلىدا غەرپتىن-شەرققە قاراپ يول يۈرۈپ،** شەھەر ** يولى ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقىلىپ،نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 1941-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار تا**نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا199مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار تا** ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارتا**نىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار تا**نى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

گۈلبانۇم قادىر

2020-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى

ئەسكەرتىش :

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top