欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(如某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: XXX، XX ناھىيەسىدىن،  قامىلىشتىن ئىلگىرى XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتسىز، مۇقىم كەسپى يوق، 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار رXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى XX بازىرى XX يولىغا جايلاشقان «XX چوڭلار مەھسۇلاتلىرى» 24 سائەتلىك ئادەمسىز ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت دۇكىنىدا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پىيادىلەر يولىدىن تېرىۋالغان تاشنى ئېلىپ ئادەمسىز دۇكان ئىچىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ ئەينەك جازىنىڭ ئۈستىدىكى 300 يۈەن قىممىتىدىكى بىر كۆز ئەينەكنى تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ جازا ئىچىدىكى 380 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە يەل قاچىلانغان قونچاقنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ XX بازىرى XX ئولتۇراق رايونى قارشى تەرىپىدىكى پىيادىلەر يولىغا كەلگەندە، قXXنىڭ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان 2100 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى يېنىدا ساقلاپ يۈرگەن ئاچقۇچى بىلەن ئېچىپ ئوغۇرلىغاندىن كېيىن، ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنى XX يېزا XX-كەنىت يول بويىغا يوشۇرۇپ قويغان، 380 يۈەن قىممىتىدىكى سۈنئى ئايال قونچاقنى ئۆيىدىكى مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن 2100 يۈەن قىممىتىدىكى زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 680 يۈەن قىممىتىدىكى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسى (2019)199-، 200 نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە «جاۋابكار رXX ئوغۇرلىغان ماددى بويۇملارنىڭ ئومومى قىممىتىنى 2780 يۈەن» دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار رXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار رXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار رXX ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بۇلۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگشلىك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش:  ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top