شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2019] 26-نومۇرلۇق
جاۋاپكار يۇ**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1997-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221997، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە بارىن يېزا ** كەنت ** يولى ***-نۇمۇر.
جاۋاپكار يۇ** خەۋپلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2019-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئائىلىسگە كىپىلگە بېرىلگەن .
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2019-يىلى 12-ئاينىڭ13-كۈنى جاۋاپكار يۇ**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكار يۇ**نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا« تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى» قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
2019-يىلى11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 02:40 لەردە جاۋاپكاريۇ** مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ،پراۋىسىز新P70186نۇمۇرلۇق ماتورلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا گۇلۋاغ كەنت 3-مەھەللە تەرەپتىن ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا سايۋاغ كەنت تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ،ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا گۇلۋاغ كەنت ئاھالىلەر كومتېتى ئالدى يول بۆلىكىگىچە خەۋپلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ، شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،يۇ**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى 110قوماندانلىق مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان،ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ،نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇ**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)8929-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە يۇ**نىڭ شۇ كۈندىكى ھەر100مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 214مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- جاۋاپكارنىڭ ئقرارى
1- باھالاش پىكىرى
4- نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار يۇ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-بۆلىكىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەۋپىلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى «تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى »بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا
تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى،قوشۇمچە 8000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2019 يىلى 12- ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2 -«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论