欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(居某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检公诉刑诉〔2019〕XX号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) XX-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار جXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مىللى ئۆچمەنلىككە ۋە مىللى كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى، توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار جXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ  1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددىيىلاشتۇرۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار جXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 23:30 لار ئەتراپىدا XX ناھىيە XX ئولتۇراق رايونىدىكى ئاXXنىڭ ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ماۋتەي ماركىلىق ھاراقتىن بىر يېرىم بوتولكا ئىچكەندىن كېيىن، 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سەھەر سائەت 03:40 لار ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى XX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ XX ناھىيە رەستە كوچىسىدا شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ مېڭىپ چوڭ تۆت كوچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە نXX ھەيدەپ كوچا چارلاپ ماڭغان XX (پەرىقلەندۈرۈش نۇمۇرى) نومۇرلۇق ساقچى ئاپتۇموبىلىنىڭ ئارقىسىغا سۇقۇلۇپ كەتكەن.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2018) 4769-نۇمۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈندە «جXXنىڭ ھەر 100 مېللىلېتىر قان تەركىبىدىكى ئالكوگىل مىقدارى 278.69مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار جXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار جXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش:  ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: دىلمۇرات ئابدۇسالام

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

       (2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

   (3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top