欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(热某某交通肇事案)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە (2020) 127-نومۇرلۇق

جاۋابكار رxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:xxxxxxxxxx65292419، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رxxنىڭ جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 9–ئاينىڭ 8-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 230-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار رxx 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا، شايار ناھىيە بازىرىدىن xx بازىردىكى ئۈيىگە قايىتىپ كىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ 新 N xxxxx نۇمۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ، شايار ناھىيە ئۆلكە يۇلى 210-لىنىيە يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ كىتىۋېتىپ، 210 لىنيە 48 كىلومىتىر +850 مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنۈلۈشتە تxx ھەيدەپ كىتىۋاتقان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ يان تېلفۇنى ئارقىلىق 110 قوماندانلىق مەركىزگە دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسدە تxx زەخمىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن، جاۋابكار رxx ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتىنى ئۈستىگە ئالغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رxxنىڭ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا خىلاپ يول يۈرۈپ، ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار رxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار رxxقا 8 ئايدىن يۇقىرى بىر يىل 2 ئايدىن تۆۋەن دائىردە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش توغىرسىدا تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top