欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(热某某涉嫌危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

 

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )214–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار رەXX(بۇرۇن قوللانغان ئىسمى يوق،لەقىمى يوق)، ئەر،1989-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX6528011989،ئۇيغۇر، مەدىنيەت سەۋىيىسى:تۇلۇق ئوتتۇرا.كەسپىي:ئىشسىز ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شىنجاڭ كورلا شەھىرى XX يېزا XX كەنتXX-گۇرۇپپاXX-بىناXX-كورپوسXX-نۇمۇر. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى XX يېزا XX كەنتXX-گۇرۇپپاXX-بىناXX-كورپوسXX-نۇمۇر.بۇرۇن جازالانمىغان.  2019-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار رەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار رەXX 2019-يىلى 02-ئاينىڭ 08- كۈنى سائەت 00:59لەر  ئەتىراپىدا ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新MXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى  ھەيدەپ ،كورلا شەھىرى XX يۇلىدا غەرپتىن-شەرققە قاراپ مېڭىپ،كورلا شەھەرلىك XX-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇيول بۆلىگىدە ۋەزىپە ئجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. 

 شىنجاڭ XX ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) XX-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار رەXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا260.47مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان. 

 جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار رەXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار رەXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار رەXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                           كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                         تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

گۈلبانۇم قادىر 

                                      2020-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top