كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 90 –نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار يا**، ئەر،19**-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى:1981********652801، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.كەسپىي:توكچى ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى ** يېزىسى ** كەنتى*-گۇرۇپپا*-كوچا**-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى ** يېزىسى **كەنتى*-گۇرۇپپا*-كوچا**-نۇمۇر ،بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار يا** 2019-يىلى3-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت18:42لەر ئۆتكەندە،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新M**نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،**شەھەر** يولىدا جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ،كورلا-** يولى*-تۋەن كونا شىتابى ئالدىغا كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۋاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 1546-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار يا**نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا254.07مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يا** ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكاريا**نىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار يا**نى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
گۈلبانۇم قادىر
2020-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论