شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2019] 27 -نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئۈ**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1979-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221979، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: ئوقۇتقۇچى،خىزمەت ئورنى:ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا ياشلار مەيدان يەسلىسى،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە ئاقتۇ بازار ** كوچا **-قورۇ كەيچىڭ ئولتۇراق رايونى **-بىنا**-ئىشىك **-نۇمۇر.
جاۋاپكار ئۈ** خەۋپلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2019-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئائىلىسگە كىپىلگە بېرىلگەن .
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2019-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى جاۋاپكار ئۈ**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكار ئۈ**نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا« تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى» قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
2019-يىلى11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 01:50 لەردە جاۋاپكار ئۈ** مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ新P5818Eنۇمۇرلۇق ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ئاقتۇ ناھىيە «ئالتۇن غىجەك»ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئاقتۇ ناھىيە كەيچىڭ ئولتۇراق رايونى تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ،ئاقتۇ ناھىيە پارتىيە مەكتەپ ئالدى يول بۆلىكىگىچە خەۋپلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ، شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،ئۈ**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى 110قوماندانلىق مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان،ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ،نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈ**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)8932-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە ئۈ**نىڭ شۇ كۈندىكى ھەر100مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 250مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- جاۋاپكارنىڭ ئقرارى
1- باھالاش پىكىرى
4- نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار ئۈ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-بۆلىكىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەۋپىلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى «تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى »بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا
ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ ئالتە ئاي كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش،قوشۇمچە 6000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2019 يىلى 12- ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2 -«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论