欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(玉某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕337号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                               ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)337  -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار  يۈXX، ئەر ، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: 6529221984XXXXXXXX ، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،( XX ناھىيە XX يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى) ھازىرقى خىزمەت ئورنى XX ئىدارىسى،  شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX كوچا XX-نۇمۇر XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپوس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە  ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

    ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  جاۋابكار يۈXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛جاۋابكار نى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛جاۋابكار نىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق،جاۋابكار  دىلونى تىز ھۆكۇم  كىسىم  تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

         قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار يۈXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۇنى23:00   ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ ، ئەتىسى (2019-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۇنى )  سەھەر سائەت 9  دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا  ئۇنسۇ بازىرى  جوڭگۈەن ئولتۇراق رايونى ئالدى پىيادىلەر كوچىسى رۇزى ئابدۇرشىت تېز تاماقخانىسى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختۇتۇش ئورنىغا توختۇتۇپ قويغان新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلنى ئۆزى تۇرۇشلۇق XX ئولتۇراق رايونى ئىچىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا  يۆتكەپ توختۇتۇش مەقسىتىدە، XX ئولتۇراق رايونى  ھويلىسىغا ھەيدەپ  كىرىپ، 5- بىنا ئالدىغا كەلگەندە ئولتۇراق رايوندىن سىرىتقا قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىل بىلەن يول تالشىپ ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانا مەدەنىيەت يۇلى ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن يۈXXنىڭ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. 

   ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ  قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋابكار يۈXXنىڭ  قان تەركىبىدە ml100/ 236.74ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

     يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

 يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكار نىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

 مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يۈXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچەجاۋابكارنىڭ جىنايىجاۋابكار لىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋابكار يۈXXنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭاجاۋابكار غا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋابكار  يۈXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  تەپتىش: نىجات ئەسقەر     

                        پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت   

                          2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار يۈXX ھازىرئائىلىسىدە

 

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top