欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(自然人犯罪案件)(公开版)_XX人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

XX人民检察院 

起 诉 书

XX检一部刑诉〔2020〕XX号 

XX 1-بۆلۈم جىنايى ئىشلار(2020)XX– نومۇرلۇق 

  جاۋابكارXX، ئەر ، ئۇيغۇر،XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : XX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، ئاممىۋى ،  دىھقان، نوپۇستىكى ئادىرسىى ۋە ھازىرقى ئولتۇرقى : شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، بۇ قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن تۇتۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى XX ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن ، جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە.

XXناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلو ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) XX -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار XXنى  ئوغۇرلۇق  جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 4-ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان . مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق. جاۋابكارنىڭ ۋە دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەھكىمىمىزنىڭ ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ قاراپ چىقىشىمىزغا قوشۇلدى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

   تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:

جاۋابكار XX 2019- يىلى12- ئاينىڭ17- كۇنى چۇشتىن كىيىن بىجىڭ ۋاقتى سائەت 17 لەر ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز XX ناھىيە XX بازىرىXX-كەنتXX–مەھەللىدىن XX ناھىيە XX بازىرىغا قاراپ پىيادە مىڭىپ، XX بازىرىXX-كەنت XX-مەھەللە يول بۆلكىگە كەلگەندە XX ناھىيە XX بازىرى XX-كەنت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى XXنىڭ XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى يول دوقمۇشغا توختۇتۇپ قويغان 2960 يۇەن قىممىتىدىكى ، كۆك رەڭلىك،«دىڭياڭ» ماركىلىق ئۇچ چاقلىق توكسىكىلتنى كۆرۇپ، بۇ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاش مەقسىتىگە كىلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ئىككى چاقىلىق توكسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچنى ئۈچ چاقىلىق كۆك رەڭلىك توكسىكىلىتنىڭ زاجىگەرسىگە سىلىپ، توكسىكىلىتقا توك كەلتۇرگەندىن كىيىن، توكسىكىلتىنى ئوغۇرلاپ ھەيدەپ، XX ناھىيە XX بازىرى XX-كەنت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق XXنىڭ XX بازىرىدىكى قۇرۇلۇش ماتىرياللىرىنى سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ، XXگە ئوغۇرلاپ كەلگەن توكسىكىلىتنى « بىزنىڭ چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ توكسىكىلىتى »دەپ يالغان سۆزلەپ،  3000يۇەن قەرىزگە ھىساپلاپ بەرگەن.

XX ناھيىلىك باھا گۇۋاھلىق مەركىزىنىڭ(2020) XX-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى XXنىڭ ئوغۇرلانغان كۆك رەڭلك «دىڭياڭ »ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلتىنى 2960يۇەن قىممىتىدە دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

 دىمەك جاۋابكار XX بىر قىتىمدا باشقىلارنىڭ 2960 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان.

     بۇ دىلو 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۇنى چۇشتىن كىيىن زىيانلانغۇچى   XX XX ساقچىخانىسىغا  ئۆزىنىڭ XX بازىرى XX-كەنىتXX-مەھەلىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىدا توختىتىپ قويغان توكسىكىلتىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكى توغۇرلۇق دېلو مەلۇم قىلىشى بىلەن،  ج خ ئىدارسىدىكى ساقچى خادىملار  زىيانلانغۇچى XXنىڭ توكسىكىلىتى ئوغۇرلانغان  نەخ مەيدان ئەتراپىدىكى كۆزىتىش ئاپراتى خاتىرسىنى كۆرۇش ئارقىلق جاۋابكارنى بىكىتىپ چىققان ھەمدە، جاۋابكار XXنى XX ساقچىخانسىغا چاقىرتىپ گەپ سۆرغاندا، جاۋابكار ئXX ئۆزىنىڭ  ئۈچ چاقلىق كۆك رەڭلك توكسىكىلىتنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن دېلو پاش بولغان. 

   جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: جاۋابكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، ماددى بۇيۇم سۈرىتى، كۇزىتىش ئاپراتىنىڭ سىنغا ئالغان خاتىرسى، زاڭ مال باھالاش يەكۈنى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى، نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى، خەرىتىسى، سۈرىتى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.  جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

جاۋابكار XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق. جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                    تەپتىش:XX

                 پۈتۈكچى:XX

            2020 يىلى 5- ئاينىڭ 13-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top