温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕64号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2019 )64-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئە XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221995، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتشلىق دەپ قارىلىپ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ئە XX نى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ زىيانلانغۇچىنىڭ ھەم نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق؛ زىيانلانغۇچىغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى يەتكۈزدۇق، بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جىنايەت گۇماندارى ئە XX 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 20:50 مىنۇتلار ئۆتكەندە 新NQXXXX نومۇرلۇق ئائىلە ئاپتۇمۇبىلىنى ھەيدەپ قىزىل بازىردىن ئاقسۇ شەھرىگە بېرىش ئۈچۈن شەرقىتىن غەربكە قاراپ يۈرۈپ ھادىسە يۈز بەرگەن جاي قىزىل بازىرى قارسا كەنىت يول بۆلكىدە يولدا پىيادە يول يۈرۋاتقان زىيانلانغۇچى گۈ XX نى سوقۇۋەتكەن، يول قاتناش ھادسىسى كىلىپ چىقان، ھادىسىدە زىيانلانغۇچى گۈ XX نىڭ باش ۋە قۇرساق قىسىمى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2018) 221810015-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدە جىنايەت گۇماندارى ئە XX گە ئاساسلىق مەسئۇلىيەت بىكتىلىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئە XX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جەمئيەتنىڭ ئامانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. جاۋابكار ئە XX نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاپ يىنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار ئە XX نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مۆيدىن ئىبراھىم
پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىايىتنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش» تىلخېتى، 5 نۇسخا ھەق-تەلەپ ئەرىزنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论