كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2019)1412-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ھەXX،ئەر، 1977-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXXX6528011977،ئۇيغۇر،ئالىي تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە،XX يېزىلىق ھۆكۇمەت خىزمەتچىسى،پارتىيە ئەزاسى، ،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX يۇلى XX مەھەللىسىXX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار ھەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق،ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت02:40لەر ئەتىراپىدا،جىنايەت گۇماندارى ھەXX ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە 新MXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ،كورلا شەھەر يىڭشەھەر يۇلىداغەرىپتىن شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ،XX يۇلى جوڭگۇ نىفىتى ماي قاچىلاش پونكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،مەشغۇلات توغرا بولماي ماشىنا كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ،يول بۇيىدىكى تىلكامىرا خادىسىغا سۇقۇلغان،نەتىجىدە قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ XX قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپات ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ(2019) XX-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە جىنايەت گۇماندارى ھەXXنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدا 214.28 مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (2019)XX-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى چىقىرىپ،مۇشۇقېتىمقى ھادىسىدە ھەXX پۇتۇن مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن. .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ھەXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ھەXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ھەXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ھاۋاگۇل توختى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىكككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论