欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某某贩卖毒品案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)30–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:********6501032000، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش مەلۇماتلىق، خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى خىزمەتچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-قارار **-بىنا **-زال **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-زال **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ  رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 2-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

 جاۋابكار ئە** 2019-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 23لەر ئەتراپىدا ** رايونى ** يولى يىنىدا باشقىلارغا 2 بولاق يىشىل رەڭلىك ياپراقسىمان زەھەرلىك چىكىملىك(ناتاشا)نى 400يۇەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئورنىغا ئەۋرىشكە ئىلىپ ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق [2019] 272نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جاۋابكار ئە**نىڭ باشقىلارغا ساتقان 2 بولاق يىشىل رەڭلىك ياپراقسىمان ماددىنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك چىكىملىك (ناتاشا)تەركىبى بايقالغان بولۇپ  ئېغىرلىقى 0.903 گىرام دەپ باھالىغان.

جاۋابكار شۇ كۈنى، **شەھەر **رايونى ** يولى ** رېستۇرانى يېنىدىكى يول بويىدىكى قىزىل رەڭلىك دالا ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە  نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئە**ىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى زۇل**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئەلشىر مەمەتجاننىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛ 

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە**نىڭ  پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

  تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                          تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ئوبۇل

2020–يىلى 1–ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئە** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا:

     2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

     3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

     4. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top