乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى XXXX ، XX ناھىيە XX يېزا XXكەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 12 كۈن مەمۇرى جازا بېرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار س XX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى كەچ سائەت 20:00 ئەتراپىدا XX ناھىيەلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىچىنە-پىرەنىك، ناۋايلىق كەسپى سىنىپى ئىچىدە ساۋاقدىشى يەنى زىيانلانغۇچى زەXX بىلەن پاراڭلىشپ ئولتۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى زەXXنىڭ 2500يۈەن پۇل بار بىر دانە بانكا كارتىسى، بىر دانە كىملىك ۋە بىردانە سۇغۇرتا كارتىسى قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ يەرگە چۈشۈپ قالغانلىغىنى كۈرۈپ، ئۈزىنىڭ قېلىۋېلىش نىيىتىگە كىلىپ، زەXXنى گەپكە تۇتۇپ تۇرۇپ، زەXX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقارقى كارتا قاتارلىق نەرسىلەرنى يەردىن ئېلىۋېلىپ يانچۇقىغا تىقىۋالغان، بىر دەمدىن كىيىن زىيانلانغۇچى زەXX كارتا قاتارلىق مال-مۈلۈكلىرىنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ، جاۋابكار سXXغا «كارتا قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىنى، كۆرگەن بولسا قايتۇرۇپ بىرىشنى» دىگەندە، جاۋابكار سXX «كۆرمۈدۈم» دەپ تۇرۋېلىپ، ئەتىسى يەنى 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى يۇقارقى كارتا ئىچىدىكى 2400 يۈەن نەق پۇلنى، بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشنىسى ئارقىلىق ئوغۇرلاپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلگە كەلمىگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار سXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگشلىك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论