乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئامانلىق قوغدىغۇچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئاXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 21:30 ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق XXنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مايلىق موتسىكلىتىنى مىنىپ XX بازار ئىچىگە كىرىپ ئەXX، ياXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كىىين سائەت 23:00 ئەتراپىدا XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى دادىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ھاراق دۇكىنىدىن ئون مىتىر يىراقلىقتىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىىتش ئورنىغا توختىىتپ قويغان موتسىكلىتىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللە (ئۆلكە يولى XX-لىنىيە XX كىلومىتىرلىق يول بۆلىكى) گە كەلگەندە، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىىچپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى«ئاXXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارىنى 127.09مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىۋىنىڭ دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، ھەيدىگەن مۇساپە، يول بۈلىكى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论