ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2019﹞132–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021996، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى** رايۇنى** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-زال **-نۇمۇرلۇق ئۆي. زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى، مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 15:30 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئا**، **نىڭ ** رايۇنى** يولى ** مەسچىت ئالدىدا، باشقىلارغا 300 يۈەنگە ئىككى بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تۇتۇلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارنىڭ ماشىنىسىنى قانۇن بۇيىچە ئاختۇرۇش ئارقىلىق ماشىنىدىن 17 بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ئاختۇرۇپ تېپىلغان.
جاۋابكار باشقىلارغا ساتقان ۋە يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان يۇقارقى 19 بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، باشقىلارغا ساتقان 2 بولاق گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 1.05 گىرام، يېنىدىن تۇتۇپ قېلىنغان 17 بولاق گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 8.54 گىرام ئىكەنلىكى، ھەم تەركىبىدە ناتاشا تەركىبىنىڭ يوقلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بىرىش تىزىملىكى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى گو**، كە**لاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇم تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش خاتىرىسى، دىلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش(دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى ئىسپاتى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان بۇيۇمنى زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا دەپ قاراپ باشقىلارغا ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، باھالاش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىنغان گۇمانلىق بۇيۇمدىن زەھەر تەركىبى چىقمىغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ئاساسەن ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەت بۇيىچە جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2019–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئا** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论