欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(阿某贩卖毒品案件)(公开版)_阿克陶县人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

阿克陶县人民检察院 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش

起 诉 书

مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

阿克陶县检一部刑诉〔2020〕16号 

ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 16-نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1979-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221979، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى زەھەر(نىشە)نى قانۇنسىز ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بەش كۈن مەمۇرى توختىتىپ قويۇش جازاسى بىرىلگەن.

نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە بارىن يېزا ** كەنت ** يولى ***-نۇمۇر.

جاۋاپكار ئا** زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2019-يىلى12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئىلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىغا ئاساسەن مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 1-ئاينىڭ3-كۈنى جاۋاپكار ئا**نىڭ زەھەر ئېلپ-سېتىش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :

جاۋاپكار ئا** 2014-يىلى 6-ئاي ئەتراپىدا ئۆيىنىڭ كەينىدىكى ھاجەتخانىنىڭ يىنىغا بىر تۈپ كەندىر ئۆسۈملۈكى تىرىپ ،بۇ كەندىر ئۆسۈملۈكىدىن گۈلە چوڭلۇقىدا زەھەر (نىشە)ياساپ ئۆيىدە ساقلاپ ،2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ ئۆيىدە ساقلىغان زەھەر(نىشە)دىن ئۈرۈك مىغىزى چوڭلۇقىدىكى زەھەر(نىشە)نى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قىزىلئۆستەڭ كەنت 12-مەھەللىدىكى ئى**غا 100يۈەنگە ساتقان،جاۋاپكار ئا** 2019-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ ئۆيىدە ساقلىغان زەھەر(نىشە)دىن ئۈرۈك مىغىزى چوڭلۇقىدىكى زەھەر(نىشە)نى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا سايۋاغ كەنت 1-مەھەللىدىكى رى**غا 100يۈەنگە ساتقان،جاۋاپكار ئا** ئۆزى ياساپ ئۆيىدە ساقلىغان زەھەر(نىشە)دىن ئى** بىلەن رى**غا سىتىپ ئىشىپ قالغان 2.34گىرام زەھەر(نىشە)ۋە زەھەر(نىشە)ساتقان 200يۈەن خەلق پۇلى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ ماددى ئىسپات

1-​ يازما ئسپات

1-​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئقرارى

1-​ باھالاش پىكىرى

6- نەق مەيدان تەكشۈرۈش،تونۇتۇش خاتىرىسى،نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز : جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق

سوت مەھكىمسگە:

تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن

تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول

2020 يىلى 1- ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات:

1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.

2 -«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top