شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2019] 19-نومۇرلۇق
جاۋاپكار مە**، ئەر ، قىرغىز، 1992-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ********6530221992 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: چارۋىچى،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە بۇلۇڭكۆل يېزا **كەنت **-گورۇپپا **-نۇمۇر.
جاۋاپكار مە** ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2019-يىلى12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 1-ئاينىڭ8-كۈنى جاۋاپكار مە**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق.جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا«تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى»قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
جاۋاپكار مە** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت23:30لار ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تىپىپ خەجلەش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى رۇ**نىڭ ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يېزا گەز كەنت 1-مەھەللە تەۋەسىدىكى پۆرتالا دىگەن يايلاقتىكى چارۋا-مال سولايدىغان قوتىنىغا بىرىپ ،ئات سولايدىغان ئىغىلنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالماي زەنجىرىنى ئىلىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىغىلنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىپ ،زىيانلانغۇچى رۇ**نىڭ بۇ قوتانغا سولاپ قويغان 7280يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق قىزىل رەڭلىك ئالتە ياشلىق چىشى ئىتىنى ئوغۇرلاپ ئىلىپ مىڭىپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقتۇ ناھىيە ئويتاغ بازىرى ئويتاغ كەنت 5-مەھەللىگە ئىلىپ كىلىپ بۇ ئوغۇرلاپ كەلگەن بىر تۇياق ئاتنى ئويتاغ كەنت 5-مەھەللىدە تۇرۇشلۇق ئۆ**غا 3600يۈەنگە سىتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن ،بۇ ئوغۇرلاپ سىتىۋىتىلگەن بىر تۇياق ئات ئۆ**دىن تۇتۇپ قىلىنىپ زىيانلانغۇچى رۇ**كە قايتۇرۇپ بىرىلگەن، ئۆ**نىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى
1- گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1- جاۋاپكارنىڭ ئقرارى
1- باھالاش پىكىرى
6- نەق مەيدان تەكشۈرۈش،تونۇتۇش خاتىرىسى،نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار مە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى«تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى»بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا ئالتە ئايدىن يۇقىرى ئون ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش،قوشۇمچە شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2020 يىلى 1- ئاينىڭ 22 -كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئاقتۇ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2 -«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论