欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(谢某某)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                       غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] 110-نومۇرلۇق

جاۋاپكار ش**، ئايال، ئۇيغۇر، ****- يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: 654121********2024، كەسپى: يوق. نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى: غۇلجا ناھىيە ** يىزا ** كەنىت ** -كوچا **-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 

2019-يىلى6-ئاينىڭ8-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار ش** 2019-يىلى1- ئاينىڭ24-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 17 لەر ئەتراپىدا غۇلجا ناھىيە جىلىليۈزى بازىرى** ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ زىبۇ-زىننەت تىزىدىغان ئىشكاپتىن بىر دانە 2304يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زەنجىرنى ئوغۇرلىغان. زىيان ئەينىگە قايتقان.

 يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات

2.​ زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى

3.​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى

4.​ ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ، راست. شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار ش**نىڭ  شىكايەت قىلىنغان قىلمىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋاپكار ش**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە بىر قىتىم ئوغۇرلۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ، شەخىسلەرگە 2304يۈەن زىيان سالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 15-ماددىسىغا ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ش**غا ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە 3 ئايدىن يۇقىرى 5 ئايدىن تۆۋەن رىجىم جازاسى  بىرىشىڭلارنى سوراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەسئەت، مىرزەكرەم

2020-يىلى7-ئاينىڭ25-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋاپكار كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر سىرتتا. 

2.​ دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن سوراق خاتىرە قوشۇپ يوللاندى.

3.​ 2توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top