欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(赛某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

         كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

                        ئەيىبلەشنامىسى ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )1366–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار سەxx،ئەر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ XX-كۇنى    تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65280119760XXXXX، ئۇيغۇر،سىياسى قىياپىتى: ئامما، تۇلوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى ۋە ھازىرقى  تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ XXXشەھەرXXX يېزا XXX كەنىتX-گۇرۇپXX-نومۇر،جازالانغان .XXXX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى  XXXا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلدى.

XXXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، XXXX-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق . دىلو پاكىتىنى تۈۋەندىكىچە ئىنىقلىدۇق :

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار سەXXX XXXX-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت23لەر ئەتراپىدا،پىراۋىسىز ،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ،ئۆزنىڭ新MXXXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتۇسكىلىتنى مېنىپ XXX شەھىرى XX يېزا XX كەنىتX-گۇرۇپ «راھەتباغ ئارامگاھ »نىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش  مەركىزى (2020) XXXX-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكارنىڭ  قېنىدا ھەر 100مىللىلىتىردا  169مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار سەXXXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پىراۋىسىز ،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ ، شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

   ھۆرمەت بىلەن :

                                      XXXا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                                   تەپتىش :خاسىيەت ئابدۇكېرىم

                                                   2020-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى

ئەسكەرتىش :

1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top