欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(赛某某危险驾驶案)_博乐市人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕16号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب  ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 16 -نۇمۇرلۇق

   جاۋاپكار س** ،ئەر، قازاق، 1974-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652701974********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،خىزمەت ئورنى:بورتالا شەھەر ** كەنتى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** شىمالى يولى**-نومۇر** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر ، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ** ساقچىخانىسى ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2019- يىلى12- ئاينىڭ6- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .

   مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ -2019يىلى 12-ئاينىڭ 5 -كۈنى (2019)409- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار س**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

   2019- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 19دىن 22 مىنوت ئۆتكەندە س** ھاراق ئىچىپ پىراۋىسى يوق ھالەتتە新E-*****  نۇمۇرلۇق كىچىك  تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر X208 لىنىيەسىنى بويلاپ شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ كىتىۋېتىپ، ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى خەلق ھۆكىمىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان،2019-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى بورتالا ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى پاكىت باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىدا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن س**نىڭ ۋىنا قېنىدىن ئىسپىرىت تەركىبى بايقالغان، مىقتارى: 105.738mg/100ml بولۇپ، مەس ھەلەتكە تەۋە.

   يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار س**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر   

2019-يىلى12-ئاينىڭ 6-كۈنى 

قوشۇمچە :

1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top