乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕302号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 302-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار سەيxx ، ئەر، ئۇيغۇر، xxيىلى xxئاينىڭ xxكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، xxبازىرى xxكەنىت xxمەھەللە xxنومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، رىمىنۇتچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، xx-يىلى xxئاينىڭ xxكۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سەيxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5 -كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار سەي xx xxيىلىxx ئاينىڭ xxكۈنى سائەت 18:00ئەتىراپىدىن xxيىلى xxئاينىڭ xxكۈنى سائەت 00:00 غىچە xx ناھىيە xx شەھەر رايۇنى ۋە xx دېسكوخانىسىدا ئىxx بىلەن بىرگە قىزىل ھاراق ۋە پىۋا ئىچكەن، سائەت 01:00ئەتىراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە xx ئولتۇراق رايۇننىڭ قارشى تەرىپىدىكى رىمىنۇتخانىسىغا كىلىپ تاxx ئىگىدارلىقىدىكىxxxxxx نومۇرلۇق بەش كىشلىك ئائىلە ئاپتۇمۇبىلىغا مەxxنى چىقىرىپ مەس ھالدا پىراۋىسىز ھەيدەپ ئۇچتۇرپان ناھىيە xx شىركىتى ئەتىراپىدا كىتىۋاتقاندا شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساخچىلار تەرىپىدىن بايقالغان .
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى سەيxxنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 165.26مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان .
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار سەيxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سەيxxنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 3 ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى
-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 11-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : xxxxxx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论