乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕566号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 566-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار س x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىق يەتتە ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنغان، ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا جازا ئۆتەۋاتىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار س xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار س x 2020-يىلى 3-ئايىنىڭ 28-كۈنى سائەت 22:30 ئەتراپىدا xيىزا x-كەنىت x-مەھەللە تەۋەلىكىدىكى بۇغداي ئىتىزلىقىدا ئاغىنسى مx، خx، ئاx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 00:45 ئەتراپىدا 新xنۇمۇرلۇق موتسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا مxنى مىندۈرۈپ، پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ، xيىزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى يولدا كېتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە س xنىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنىدىكى ئالكوگۇل مىقدارى 169.11 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار س x 2020-يىلى 4-ئايىنىڭ 17-كۈنى قىز دوستى ر xنىڭ يان تېلىفۇنىنى سوراپ ئىشلەتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى تېلىفۇندا ر xنىڭ xنومۇرلۇق ئۈندىدارىنى ئېچىپ ر xنىڭ قىياپىتىدە، زىيانلانغۇچى راx (ر xنىڭ سىڭلىسى) غا «سىڭلىم، ماڭا پۇل لازىم بولۇپ قالدى، پۇل بېرپ تۇرۇڭ» دەپ ئۇچۇر يېزىپ 100 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان، شۇ كۈنى يەنە راxغا ئۆزىنىڭ ر x بىلەن بىللە ئىكەنلىكى، ر x ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى، جىددى پۇل لازىملىقى توغرىسىدا ساختا ئۇچۇر يېزىپ 1300 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
جاۋابكار س x 2020-يىلى 4-ئايىنىڭ 17-كۈنىدىن شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە قىز دوستى ر xنىڭ يان تېلىفۇنىنى سوراپ ئىشلەتكەن بولۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ر xنىڭ تۇققىنى نxنىڭ ئۈندىدارىغا ر xنىڭ قىياپىتىدە «ئاكا، ماڭا پۇل لازىم بولۇپ قالدى، پۇل قەرىز بېرىپ تۇرۇڭ» دەپ يالغاندىن ئۇچۇر يېزىپ، ئىككى قېتىمدا 500 يۈەندىن جەمئى 1000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
جاۋابكار س x 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قىز دوستى ر xنىڭ يان تېلىفۇنىنى سوراپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ر xنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ ر xنىڭ تۇققىنى نxغا ر xنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ «ئاكا، ماڭا پۇل قەرىز بېرىپ تۇرسىڭىز، جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالدى» دەپ يالغان ئۇچۇر يېزىپ، ئىككى قېتىمدا 500 يۈەندىن 1000 يۈەن، يەنە بىر قېتىمدا 2000 يۈەن بولۇپ، جەمئى 3000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
جاۋابكار س x راxدىن 1400 يۈەن، نxدىن 4000 يۈەن بولۇپ، جەمئى 5400 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار س xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارنى ئىشەندۈرۈپ، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايىتى جازاغا ھۈكۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى جىنايىتى چۈشۈپ قالغان جىنايەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ تىنىچ، مۇقىم بولۇشىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنى، 266-ماددا، 70-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论