欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(赛XX危险驾驶案)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020)725- نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، 38 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXX2578، يۇرتى XXشەھىرى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى XXشەھىرى XXبازار XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، كەسپى ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى  (2020) 1349-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ   قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

    2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 00:40 لاردا جاۋابكار سXX XX شەھەر XXبازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كەينىدىكى بىر قورۇدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۇ قورۇنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان  نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، 100 مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار سXXنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكنى بايقاپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرتكەندە، 100 مىللىلىتىر قان تەركىبدىىكى ئىسپىرىت مىقدارى 190.47 مىللىگىرام (100ml\190.47mg) بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار سXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە(تېز كېسىم تەرتىپىنى قولللىنىپ) ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئېXX

2020- يىلى  11- ئاينىڭ 11-كۈنى

 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top