欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(达某某涉嫌过失致人死亡案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

     ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 397-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

 جاۋابكار د*،ئەر،ئۇيغۇر،**ياش،****-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:0716*******652925،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شىنجاڭ ت**ناھىيىسدىن،ت** ناھىيە پ** يېزا ت** كەنىت **-گۇرۇپ**-نومۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قۇيۇش جىنايىتى گۇمان بىلەن  جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

جاۋابكار د**نىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى(2021)39–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى  ئېنىقلاندى:

   جاۋابكار د**2019-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتىراپىدا ئۈيىگە قايتىپ كىلىپ،ئوغلى ئو**نىڭ يوقلىقىنى كۈرۈپ، ئاپىسى ت**دىن ئو**قېنى دەپ سورىغان،ت** ئو** كەنىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتتى دىگەن،د**ئۈيىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالغان. 2019-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 02:30 لەر ئەتىراپىدا،خوشنىسى ب** كىلىپ د**قا بالىڭىز مەس بۇلۇپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ يېتىپ قاپتۇ ،بالڭىزنىڭ يېنغا چىقىڭ دىگەن،د** ب**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا چىقىپ ئو**نىڭ ب**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقنى كۈرۈپ،ئىنچىكە تاياقنى ئېلىپ ئو**نىڭ پاچاقىغا2نى ئۇرغان،ئو** د**نى ئۇرمەن دەپ يۈگرەپ كەلگەندە،ئە** تۇتۋالغان،ھەم ئو**نى ئا** دادۈي تەرەپكە ئەكەتكەن،د** ئۆيگە كىرىپ يېتىپ قالغان،بىردەمدىن كېيىن ئىشىك تاراقشىغان،د** سىرىتقا چقىپ ئو**نى كۈرۈپ،ئۆي تەرەپكە تارتىپ ماڭغاندا،د**نى سىلكىپ مۇش ئاتغان،د** بالىسنى تارتىپ قۇلنى سىلكگەندە بالسنىڭ مەيدىسگە تىگىپ كەتكەن،ئو** ئارقىسىغا يىقىلىپ كېتىپ،بېشىنىڭ ئارقا قىسىمى يەرگە تىگىپ جىم يېتىپ قالغان،د** ئوغلى ئو**نى شۇ ھويلىدىكى سەي گەمىسىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويماقچى بولۇپ، ئو**نىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ،ئارقىچە سۆرەپ ھويلىنىڭ باغ تەرەپتىكى سەي گەمىسىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ،ئو**نىڭ ئىككى پۇتىنى سەي گىرەمنىڭ ئىچىگە ساڭگىلتىپ،ئىككى قولتۇقىدىن تۇتۇپ سەي گىرەمنىڭ ئىچىگە تاشلىۋىتىپ،ھويلىدىكى كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇرغان.ئو** سەي گەمىسىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتىراپىدا مىدىرلىماي ياتقاندىن كىيىن، د** خوشنسى ب**نى چاقىرىپ بالنى گېرەمدىن ئېلىپ چىقىپ،ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويغان،ئو** ئۆينىڭ ئىچىدە ھۇشسىز ھالەتتە 3 سائەت ئەتىراپىدا ياتقاندىن كېيىن،خوشنسى ئە**نى چاقىرىپ ئو**نى ماشىنغا بېسىپ  توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمىدە داۋالىتىش قىلغان.ئو** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ4-كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ئۆلگەن. 

  توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرنىڭ(2020)-02Aنۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا: ئۆلگۈچى ئو** ھايات ۋاقتىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، گەجگە قىسىمى ئەتىراپى چوڭراق تىغسىز تاشقى كۈچنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ (يىقىلىپ چۈشۈش خاراكتىرىدىكى) ئوڭ تەرەپ (پىشانە، چىكە، چوققا قىسىمى) قاتتىق پەردە ئاستى كەڭ دائىرلىك قانلىق ئىششىپ(قانلىق ئىشىشml50 ئەتىراپىدا)، يېيىلما خاراكتىرلىك مىڭە سۇلۇق ئىششىقى كەلتۇرۈپ چىقىرىپ، مىڭە تۇقۇلمىرىغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان. ئىككىلەمچى مىڭە غۇلى زەخمىلىنىش (مىڭە چۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان) بىلەن تەڭ قوزلىشچان ئورگانىزىمنىڭ ئىچكى مۇھىتى ئېغىر قالايمىقانلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نەپەسلىنىش، ئايلىنىش ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ ئۈلۈشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ يەكۈن چىقارغان.                 

 يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاشنامە، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ 

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار د**نىڭ قىلمىشىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى شەككىللىندۇ.جاۋابكار د**قا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 233-ماددا67, -ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىش زۈرۈر،جاۋاپكار د**قا مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز،شوڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

             ھۆرمەت بىلەن :

                توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                        تەپتىش : ئۆمەر قادىر 

                       تەپتىش : مارىگۈل ئەنۋەر

                 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ،8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top