欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(达某盗窃案认罪人罚)(公开版)_阿克陶县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

阿克陶县人民检察院

起 诉 书

阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕102号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش

 مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپنامىسى

                            ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 102 -نومۇرلۇق     

  جاۋابكار دا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6530221982، كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نوپۇسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا ** يولى **-مەھەللە ***-نومۇر. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. 

 جاۋابكار دا** ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار دا**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا دەۋا ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق ۋە «جىنايتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش» تۈزۈمىنىڭ قانۇنى ئاقۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار بىلەن «جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش» تىلختى ئىمزالاپ دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

  تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :

    جاۋابكار دا** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تەخمىنەن سائەت 03:50 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا 4-كەنت 2-مەھەللىدىكى يۈ**نىڭ دۇككىنغا ھاراق ئالغىنى بارغان، لىكىن دۇككان خۇجايىنى يۈ** دا**نى مەست بولۇپ كىتىپسەن دەپ ھاراق سىتىپ بەرمگەن، ئاندىن جاۋاپكار دا** شۇ دۇككاننىڭ ئالدىدىكى ئورمان بەلۋىغىدا بىرەر سائەت ئەتراپدا ياتقاندىن كىيىن، يەنە يۈ**نىڭ ھاراق دۇكىنىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ مەس ھالەتتە دۇككاندا يالغۇز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، باشقلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ دۇككىنىدىكى قىزىل بوتولكىلىق 柔和老窖، ماركلىق ھاراقتىن ئون بوتۇلكا، رەيھان ئەرلەر شەربىتىدىن 4 بوتولكا، 伊力小酒 ماركىلىق ئاق ھاراقتىن ئىككى بوتولكا، 伊小柔ماركلىق ھاراقتىن ئالتە بوتولكا، 伊力清纯 ماركىلق ھاراقتىن بىر بوتولكا، 杰克伯爵 ماركلىق قىزىل ھاراقتىن تۆت بوتولكا، TAGUS ماركلىق پىۋىدىن تۆت بوتۇلكا ئىلىپ ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىغا بىسىپ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيگە ئاپىرىۋەتكەندىن كىيىن، يەنە ئۆزى يالغۇز ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ زىيانلانغۇچى  يۈ**نىڭ ھاراق دۇككىنغا كىلىپ 健男劲酒 ماركلىق قىزىل ھاراقتىن ئالتە بوتۇلكا، 窖藏老酒 ماركلىق ھاراقتىن ئۈچ بوتۇلكا، 伊力老酒 ماركلىق ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا، 苞谷烧酒 ماركلىق ھاراقتىن تۆت بوتۇلكا، 全汁葡萄酒 ماركلىق ھاراقتىن تۆت بوتۇلكا ئوغۇرلاپ، ئىككى چاقىلىق توكسىكىلىتىغا بىسىپ، ئالدىنقى قىتىم ئوغۇرلاپ ئىلىپ بارغان ھاراقلار بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيگە يۇشۇرۇپ قويۇپ، يەنە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ ھاراق دۇككىنغا بىرىپ بىر يىشك (18) بوتۇلكا 统一冰红茶 ماركلىق ئىچىملىك،  بىر يىشك (18) بوتۇلكا 统一绿茶 ماركلىق ئىچىملىك، بىر يىشك (15) بوتۇلكا 康师傅牌蜜茶 ماركلىق ئىچىملىك، بىر يىشك (15) بوتۇلكا 哇哈哈牌水蜜桃 ماركلىق ئىچىملىك 20 كىچىك 小管家牌 ماركلىق سىىيۋاخالتا گازىر، بىر قۇتا باللار قۇۋەت قىيزىسى 53 دانە، بىر قۇتا مىسران قىيزىسى 25 دانە، ئون قاچا بەركەت ماركلىق تەييار چوپ، مەزىلىك ھەسەل شىرنە تەم پاچاق 28 تال، ئوغۇرلىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ دۇككىندىكى پۇكەينىڭ ئىچىدىن 400 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ يانچۇقىغا سىلىپ، قالغان ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى يەنە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىغا بىسىپ ياتاق ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويغان. ئاقتۇ ناھىيە مال-باھا مەركىزى جاۋاپكار دا** ئوغۇرلىغان يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى جەمئى 2137 يۈەن بىكىتكەن.   

   يىغىپ ئېيتقاندا، جاۋابكار دا** قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە مەخپى ئۇسۇلدا ئۈچ قىتىمدا زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ 2537 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈك ۋە نەق پۇلىنى ئوغورلىغان. زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. 

  يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ ماددى ئسىپات

2-​ يازما ئسپات

3-زىيانلانغۇچلارچىنىڭ بايانى 

4-جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى. 

5-باھالاش يەكۈنى

6- نەق مەيدان تۇنتىش خاتىرىسى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار

  مەھكىمىمىز : جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264- ماددسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايتى شەكىللنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راس، توپلىنىشى قانۇنلۇق بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قلىمشنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق. مەھكىمەڭلارنىڭ بۇ دىلوغا ئاددى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىپ، جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۈچۈن تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇشقا تەكلىپ بىرىمز. جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جازا بىرىشڭىزلارنى سورايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن :

                  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق

                   سوت مەھكىمسگە: 

                                        تەپتىش  :   نۇرىمانگۇل تۇرسۇن

                                       مۇۋەققەت تەپتىش  : دىلشات ھاكىم

                                        2020 يىلى 7- ئاينىڭ 8 -كۈنى  

   ئىزاھات: 

1- جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .

2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قلىمدى. 

3 -دەلىل- ئسپات مۇندەرىجىسى ، «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش »تىلخىتى، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ،جاۋاپكار دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن بىر دانە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت ج خ  دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top