欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(迪某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )454–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار دXX (باشقا ئىسمى ، لەقىمى يوق)، ئەر، ****-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528011998، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئېگە  ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ كورلا شەھىرى ** يېزىسى ** كەنتى4-گۇرۇپپا 120-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ كورلا شەھىرى **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا 5-كورپۇس 201-ئۆي، بۇرۇن جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان .

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار دXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  2018-يىلى 07-ئاينىڭ13-كۇنى سائەت05:30لەر ئۆتكەندە، جاۋاپكار دXX پىراۋىسىز، ھاراق ئىچىپ مەست ھالاتتە*****新Mنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر لەنگەر يۇلىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ سۇرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۇرۇپ، يېڭى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،مەشغۇلات توغرا بولمىغانلىقتىن ماشىنا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ ،يول بويىدىكى دەرەخكە سوقۇلغان.نەتىجىدە دXX ۋە ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغان ئەXX،نۇXX،ئاXX ،مەXX قاتارلىق بەش ئادەمنىڭ يارىلىنىشى،قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2018) 4126-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار دXX نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا169مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن  چىقارغان.

  شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2018) 1725-نۇمۇرلۇق تەكشۈرەش دوكلاتىدا 新M*****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى سۈرئىتى105كىلومېتىر ھەر سائەت.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2018)65280112018402791نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە دXX پۇتۇن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

 جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار دXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكاردXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پىرۋىسىز،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار دXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                               كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

         

                                              تەپتىش :ئىلھام يۇنۇس  

                                           2020-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىقلىق. 

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top