شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)750-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار: دXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نومۇرى: 0034 ******652122 ، پىچان ناھىيە ** بازار ** يۇلى **-كوچا غەربى **-كوچا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان ، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار دXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 09 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ،جاۋاپكار دXX ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ،پىراۋىسىز ھالدا ، 新K**** نومۇرلۇق (باشقا موتوسىكىلىتنىڭ نومۇر تاختىسىنى يۈتكەپ ئىشلەتكەن ) ،«**» ماركىلىق، ئىككى چاقلىق، ** رەڭلىك موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ، غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ ، پىچان ناھىيە يىڭىشەھەر ** شىركىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، غەرپىتىن-شەرىققە قاراپ مىڭىپ ئوڭغا ئايلانغان يې XX ھەيدىگەن، 新K**** نومۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلغان، نەتىجىدە ئادەم يارلانماي ،قاتناش ۋاستىلېرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسسنى سادىر قىلغان .جاۋاپكار دىلشات مەمەت مەزكور ھادىسىنىڭ پۈتۈن مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
شىنجاڭ«خۇاتۇڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى [2020] 4698-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئەدىليىلىك باھالاشنامسىنىڭ خۇلاسدە :« جاۋاپكار دXXتىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml224.39»دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. زىيانغا ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار دXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار دXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا،رەسمىيەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ ئادەتتىكى قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا ؛تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار دXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار دXXكە بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار دXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020- يىلى11- ئاينىڭ 5- كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار دXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: *********.186
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论