欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(迪某某盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕274号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 274-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار د x، ئايال، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: x، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھيە xيېزا xبۇلاق كەنت x-گۇرۇپ x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 7–ئاينىڭ 7–كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.   

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار د xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار د x xبازىرى xxيۇلىدىكى زىيانلانغۇچى ۋۇ xنىڭ xئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلەۋېتىپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا ئەينەك پۇكەيگە سېتىش ئۈچۈن تىزىلغان ئالتۇن زىبۇ–زىننەتلەرنى يىغىشتۇرۋېتىپ 2349 يۈەن قىممىمىتىدىكى 8.7 گىرام ئېغىرلىقىتىكى بىر جۈپ xئالتۇن ھالقىنى دۇكان ئىگىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىغان. 

جاۋابكار د x xبازىرى xxيۇلىدىكى زىيانلانغۇچى ۋۇ xنىڭ xئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلەۋېتىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21:23 دە، ئەينەك پۇكەيگە سېتىش ئۈچۈن تىزىلغان xئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا، 21 گىرام ئېغىرلىقتىكى 5670 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە xئالتۇن بىلەيزۈكنى دۇكان ئىگىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىۋالغان.  

جاۋابكار د x xبازىرى xxيۇلىدىكى زىيانلانغۇچى ۋۇ xنىڭ xئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلەۋېتىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا ئەينەك پۇكەيگە سېتىش ئۈچۈن تىزىلغان xئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى يىغىشتۇرۋېتىپ 3136 يۈەن قىممىمتىدىكى تەخمىنەن 11.2 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە xئالتۇن زەنجىرنى دۇكان ئىگىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىغان. 

جاۋابكار د x xبازىرى xxيۇلىدىكى زىيانلانغۇچى ۋۇ xنىڭ xئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلەۋېتىپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 21:57 دە، ئەينەك پۇكەيگە سېتىش ئۈچۈن تىزىلغان بىر دانە 18.5 گىرام ئېغىرلىقىتىكى، 5735 يۈەن قىممىتىدىكى سېرىق ئالتۇن زەنجىرنى ئوغرىلىۋالغان. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار د xنىڭ باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى تۇيدۇرماي يۇشۇرۇن ھالدا قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا بېرىشكە بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

  تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ 

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى x، x

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top