欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(郎某某故意毁坏财物、危险驾驶案)_和静县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

和静县人民检察院

起 诉 书

和静县检一部刑诉〔2020〕**

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

                 خېجىڭ تەپتىشبىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)  -نومۇرلۇق   

جاۋابكار لا**،ئەر،موڭغۇل،1984-يىلى**–ئاينىڭ **–كۇنى تۇغۇلغان ،كىمىلىك نۇمۇرى: ******** 6528271984،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى:موقم كەسپى يوق ،بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت** -گۇرۇپپا**-نومۇر،2019-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى ئىدارىمىز تەرىپىدىن باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى قەستەن بۇزىۋېتىش ۋە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى قەستەن بۇزىۋىتىش ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان  ،توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-كورپۇس**-ئۆي ، ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار لا**نىڭ مال-مۈلكنى قەستەن بۇزۋىتىش،  ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىلو نىڭ ئەيىبلەش سۈرۈكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى. دىلو  2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھىققلەشكە قايتۇرۇلۇپ ،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قايتا يوللاندى. دىدىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار لامجاپ مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

جاۋابكار  لا** 2019-يىلى9-ئاينىڭ16-كۈنى چۈشتە س** ۋە ئې** ئۈچى بىرلىكتە** ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىكى مەيخانىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇپ كەچ بولغاندا چىقىپ** ئولتۇراق رايونىغا   بېرىپ داۋاملىق ئىچكەن،ئاخىرىدا يەنە  لا** س** ۋە ئې** ئۈچى بىرلىكتە ** ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى توخۇ قورۇمىسى ئاشخانىسىغا كىرىپ يەنە داۋاملىق ئاق ھاراق ئىچكەن. سۇرۇن تاقىغاندىن كىيىن،جاۋابكار لا** ئاشخانىدىن چىقىپ ** دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ شۇيەردىكى توختىتىپ قويغان باشقىلارنىڭ新M***** نۇمۇرلۇق ئوتتۇرا تىپتىكى  يۈك ماشىنىسنىڭ  ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىغا تىقىپ قويغان ئاچقۇچ بىلەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ مەست ھالەتتە ھەيدەپ شۇ يەردە توختىپ قۇيۇلغان 新M***** نومۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى سۇقىۋەتكەن.ئارقىدىن يەنە داۋاملىق新M*****نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ  يولنىڭ بۇيىدىكى دەرەخكە سۇقىۋەتكەن.ماشنا توختاپ قالغاندىن  كىيىن ماشىنىدا ئۇخلاپ قالغان،ئىككى ماشنا بۇزۇلغان.

خېجىڭ ناھىيلىك مال-باھا ئىدارىسى بۇزۇلغان新M*****تاختا نومۇرلۇق كىچىك ماشىنا،(新M*****نۇمۇرلۇق)ماشىنىڭ بۇزۇلغان  نەرسىلەرنىڭ ئومۇمى قىممىتىى 5640يۈەن،رىمونت قىلىش ھەققىنى 600يۈەن دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.  

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيىلىك باھالاش ئورننىڭ (2019) زەھەر باھالاش  ****- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىدە جاۋابكار لا**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىۋىدە 278مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار دەپ بېكىتكەن.

 يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىينالانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچنىڭ گۇۋاھلىقى باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار لا**نىڭ قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار لا**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار لا**نىڭ باشقىلارنىڭ ماشنىسىنى ئوغۇرلۇقچە ھەيدەپ باشقىلارنىڭ ماشنىسغا سۇقۇپ زىيانغا ئۇچراتقان قىلمشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 275-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار لا**نى بەشقىلارنىڭ مال-مۈلىكنى قەستەن بۇزىۋىتىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار لا**ئىككى خىل جىنايەت سادىر قىلغان شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 69- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر قانچە جىنايەتنى قۇشۇپ جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋابكار لا**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

       ھۆرمەت بىلەن:  

                         خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                     

                                       تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى 

                                    2020-يىلى 5-ئاينىڭ11-كۈنى 

 

قوشۇمچە :

1)جاۋابكار لا** خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا  

 2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام ،نۇر دىسكا بىر دانە .

3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .

4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە.

5) ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى بىر نوسخا. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top