ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞209–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** ناھيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531261995، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** ناھيىسى ** يېزا ت** كەنتى **-مەھەللە **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايونى **يولى ** كوچىسى **-نومۇر** مېھمانخانىسى ئەر خىزمەتچىلەر ياتىقى. ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا نىڭ ئوغۇرلۇق، ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بىر قىسىم دەلىل-ئىسپاتلار يىتەرسىز بولغانلىقتىن ئارلىقتا دىلونى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى خەلق يولىدىكى تېبېتې مېھمانخانسىنىڭ ياتىقىدا يانفۇنىدا فاتىياۋ يۈلې (发条娱乐) ئەپ دېتالىدا توردا قىمار ئويناپ بۇ قىمار ئويناش ئەپ دېتالىغا پۇل قاچىلاش ئۈچۈن، يانفونىدىكى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكسى ئەپ دېتالىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاسى**نىڭ تور بانكا ھېسابات نومۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ جۇڭگو سودا-سانائەت بانكا كارتىسىدىن (كارتا نومۇرى: ********62122630) 2500 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ، توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۇلۇق قايتۇرغان.
2. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى شىمالى يېرىم توسما كوچا ئاستانا مېھمانخانىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈل**ىڭ يانغۇنىنى مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ، ياتاق تازىلىقىنى تەكشۈرگىلى كىرىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈلباھار ئەخمەتنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ ئۈندىدارغا باغلانغان******** 621799800نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن 1501.5 يۈەن پۇلنى توردا قىمار ئوينايدىغان فاتىياۋ يۈلې (发条娱乐) ئەپ دېتالىغا ئاغدۇرۇپ، بۇ پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۇلۇق قايتۇرغان.
3. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇر**نىڭ جىفۇباۋسىنىڭ ھېسابات نۇمۇرى، دەلىللەش نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى بانكا قەرزى بىجىرىشتە ئىشلىتىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۈندىداردا ئەۋەتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇرانىسا قادىرنىڭ جىفۇباۋسىنى ئېچىپ خۇابېي (花呗) دىن چىقىم قىلىپ كۆپ قېتىمدا جەمئى 3000 يۈەن پۇلىنى ئوغۇرلاپ، توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا كۆپ قېتىمدا يۇقارقى ئۈچ نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئى 6506.5 يۈەن پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان.
ئىككىنچى: ئالدامچىلىق جىنايى پاكىتلىرى:
1. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا كۆپ سوممىلىق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇنساقىز ئىمامنىيازدىن 9709 يۈەن پۇلنى كۆپ قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇنس** بۇ پۇلنى شىنجاڭ ئۈچتۇرپان ناھىيسىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا كۆپ سوممىلىق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ 7982 يۈەن پۇلىنى كۆپ قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**بۇ پۇللارنى ئۈرۈمچى بىلەن خوتەن ئارلىقىدىكى يولدا ۋە قارىقاش ناھىيسىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈلە**نىڭ 9650 يۈەن پۇلىنى ئۈندىدار ۋە جىغۇباۋدا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈلە** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ كوچسى باخۇلىياڭ ئاھالە كومىتىدا تۇرۇپ ئۈنىدار ۋە جىغۇبادا جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئەۋەتكەن پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاش ئارقلىق ئەۋەتىپ بەرگەن. جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بەخ**نىڭ 1200 يۈەن پۇلىنى ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بەخ** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى مىڭخۇا كوچسى خۇيچىڭمىڭجۇ ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جۈم**نىڭ 1600 يۈەن پۇلىنى ئۈچ قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جۈم** بۇ پۇللارنى شىنجاڭ لوپ ناھىيسىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
6. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 27-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئار**نىڭ 9200 يۈەن پۇلىنى ئۈندىدار ۋە جىغۇباۋدا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئار** بۇ پۇلدىن 1200 يۈەننى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ كوچسى باخۇلىياڭ ئاھالە كومىتىدا تۇرۇپ گۈل**نىڭ ئۈنىدارىدا جاۋابكار ئالىم ئابدۇللاغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، 8000 يۈەننى تىيانشان رايۇنى يەنئەن يولى شىنجاڭ داشۆنىڭ كەينى ئىشىكى ئەتراپىدا جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشۈپ جىفۇباۋنىڭ پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاش ئارقلىق ئاغدۇرۇپ بەرگەن. جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
7. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاي**نىڭ 1500 يۈەن پۇلىنى ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاي** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى شىىنجاڭ داشۆدە تۇرۇپ ئار** ئارقىلىق جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
8. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 31-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاي**نىڭ 1619 يۈەن پۇلىنى ئىككى قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاي** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ ئاھالە كومىتىدا تۇرۇپ گۈل** ئارقىلىق جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
9. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 31-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاس**نىڭ 1542 يۈەن پۇلىنى ئىككى قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاس** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ ئاھالە كومىتىدا تۇرۇپ گۈل** ئارقىلىق جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
10. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قەد**نىڭ 4481 يۈەن پۇلىنى جىغۇباۋدا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قەد** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ ئاھالە كومىتىدا تۇرۇپ گۈلەسەر ئارقىلىق جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ جىفۇباۋسىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
11. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كام**ىڭ 2300 يۈەن پۇلىنى ئىككى قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كام** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى باخۇلىياڭ ساقچىخانىسىدا تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
12. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئى**دىن 5000 يۈەننى جىفۇباۋدا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئى** بۇ پۇلنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى يەنئەن يولى ھەرەمباغ مىھمانخانىسىدا تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ جىفۇباۋسىغا ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
13. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 31-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى رو**ىڭ 2200 يۈەن پۇلىنى ئىككى قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى رو**بۇ پۇلنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
14. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پات**نىڭ 2399 يۈەن پۇلىنى ئىككى قېتىمدا ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پات** بۇ پۇلنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
15. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇر**نىڭ 2299 يۈەن پۇلىنى ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇر** بۇ پۇلنى شىنجاڭ يەكەن ناھىيسىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
16. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا بانكا قەرزى بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەز**نىڭ 2548 يۈەن پۇلىنى ئۈندىداردا ھېسابات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەز** بۇ پۇلنى شىنجاڭ كەلپىن ناھىيسىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ جاۋابكار ئالىم ئابدۇللانىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ئالداپ ئېلۋالغان پۇلنى توردا قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا تور ئالدامچىلىقى ئارقىلىق يۇقارقى ئون ئالتە نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئى 65229 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى؛
2. ئۈندىداردا پاراڭلىشىش ۋە ھېساۋات يۆتكەش خاتىرىسى؛
3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. پاكىت ئويدۇرۇپ، كۆپ قېتىمدا خۇسۇسىيلارنىڭ زور سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 69–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارنىڭ ئىككى خىل جىنايىتىگە قۇشۇپ جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 11–ئاينىڭ 4–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ئالىم ئابدۇللا ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 5 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش تەكلىپى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论