شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 168-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1998-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221998، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: ئىشسىز،سىياسى قىياپىتى:ئامما،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە ** كوچا **-قورۇ**-بىنا**-كورپۇس***-نۇمۇر.
جاۋاپكار ئا** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2020-يىلى7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 10-ئاينىڭ23-كۈنى جاۋاپكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
2020-يىلى6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 01:20 لەردە جاۋاپكار ئا**پراۋىسىز،مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ新P67502نۇمۇرلۇق قارا رەڭلىك،«ياماخا» ماركىلىق ئىككى چاقلىق ئايالچە موتىسكىلىتنى ئاقتۇ ناھىيە ئىناق ئولتۇراق رايونى ئالدىدىن ئاقتۇ ناھىيە پويىز ئىستانسىسى تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ،ئاقتۇ ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 42-خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ئالدىغىچە خەتەرلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاقتۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شەھەر ساقچىخانىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،ئا**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)3184-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە ئا**نىڭ 100مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 145مىللىگىرام {145mg/100ml }ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى
1- باھالاش پىكىرى
4- نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى ئاددى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى،قوشۇمچە 4000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :دىلشات ھاكىم
2020 يىلى 11- ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2 –جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.
3-«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论