乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕X号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) X-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئاX، ئەر، قىزغىز، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : XX، يۇرتى ئۇچتۇرپان، X يىزا X-كەنىتX-مەھەللە X- نۇمورلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئاX 2019-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 20:30 ئەتىراپىدا ئۇچتۇرپان X كەچلىك بازار (ئىتتىپاق شىمالىي يولى) دەرۋزىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچىپ، 2019-يىلىX-ئاينىڭ X-كۈنى 00:30 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە Xشەھەر X رايۇن دوقمۇشىدىكى بىر خوگوخانىنىڭ ئالدىغا توختىىپ قويغان X نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلتىنى پىراۋىسىز، مەس ھالدا ھەيدەپ X شەھەر X رايۇندىكى X داپەنجىخانىسنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغاندا شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى ئاXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 220.97 مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان .
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار X مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پىراۋىسىز، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 4 ئاي 20كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى
-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : XX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论