欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某、艾某某等两人诈骗案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئـەيىبنـامىسـى

                 ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)   543-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار تXX  ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011991xxXXXX تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: XXشەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XX شەھەر XX بازار XXكەنىت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. 

   جاۋابكار ئەXX ئەر، ئۇيغۇر، 34 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 5، 652901198XXXXXXXXتۇللۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: XX شەھىرى، توختىتىىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XX شەھەر XXبازارXXكەنىت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، -2020يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.        

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى (2020) 347-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

جاۋابكار ت2019 XX يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئىلگىرى چارلاش ئەتىرىتىدە ئىشلىگەندە كەيگەن ياردەمچە ساقچىنىڭ ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، XX شەھەر XX بازار 9-كەنىت 6-گۇرۇپتىكى ياڭاقلىق باغنىڭ ئالدىغا كەلگەندە زىيانلانغۇچى ت XXنىنىڭ ماشىنىسىنى ئۇچىراتقان، جاۋابكار ت XX ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستىگە كىچىك تىپتىكى ساقچى چىرىقى ئورنىتىۋالغان ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىغا قانۇنسىز تۈمۈر راشاتكا جالاپسەن جەرىمانە تۆلەيسەن دىگەن باھانىدە زىيانلانغۇچى ت XXننىڭ 200 يۈەن  پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

جاۋابكار ت2019 XX يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئىلگىرى چارلاش ئەتىرىتىدە ئىشلىگەندە كەيگەن ياردەمچە ساقچىنىڭ ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، XX شەھەر XX بازار 8-كەنىت 4-گۇرۇپقا كەلگەندە يولدا كىلىۋاتقان زىيانلانغۇچى ت XX نىڭ ماشىنىسىنى ئۇچىراتقان، زىيانلانغۇچى ت XX نىڭ ئالدىدىكى <ساقچى ماشىنىسى ۋە ساقچىنى> كۆرۈپ ماشىنىسىنى XX بازار 8-كەنىت 5-گۇرۇپقا ماڭدىغا يولغا قايدۇرۇپ ماشىنىسىغا ئورناتقان تۈمۈر جازىنى ئالماقچى بولغاندا جاۋابكار ت XX كىلىپ ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستىگە كىچىك تىپتىكى ساقچى چىرىقى ئورنىتىۋالغان ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىغا قانۇنسىز تۈمۈر راشاتكا جالاپسەن جەرىمانە تۆلەيسەن دىگەن باھانىدە زىيانلانغۇچى ت XX 400 يۈەن  پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، كىيىن جاۋابكار ت XX داۋاملىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىپ XX بازار 13-كەنىت 1-گۇرۇپقا كەلگەندە زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ تۈمۈر جازا ئورنىتىلغان، پاختا بېسىلىغان ماشىنىسىنى كۆرۈپ ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى ئە XX ماشىنىسىنى تۇسۇپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستىگە كىچىك تىپتىكى ساقچى چىرىقى ئورنىتىۋالغان ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىغا قانۇنسىز تۈمۈر راشاتكا جالاپسەن جەرىمانە تۆلەيسەن دىگەن باھانىدە زىيانلانغۇچى ئە100 XX  يۈەن  پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

 جاۋابكار ت2019 XX يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى  جىنايەت گۇماندارى ئەXX، ۋە ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان يۈXXگە باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن، ھەمدە ئۆزى ئالدىن تەييارلاپ قويغان قاتناش ساقچىسىنىڭ كۆك رەڭلىك ساقچى كىيىمى، ئاق رەڭلىك شەپكىسى ۋە نۇر قايتۇردىغان جىلىتكىسىنى جاۋابكار ئەXX، ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان يXXە بېرىپ، ئۆزى قارا رەڭلىك ساقچى كىيىمى ۋە ساقچى قۇلاقچىسنى كىيىپ چاپىنىغا مۆرە بەلگىسى بىلەن كۆكرەك بەلگىسىنى تاقاپ، ئۆزنىڭ قارا رەڭلىك ماشىنىسىغا كىچىك تىپتىكى ساقچى ماشىنا چىرىقىنى ئورنىتىپ ماڭغان، ھەم جاۋابكار ئەXX ۋە ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان يۈXX قارتال بازار 11-كەنىت 1-گۇرۇپ ۋە 11-كەنىت 2-گۇرۇپ ئارلىقىدىكى يولدا پاختا بېسىپ ماڭغان ماشنىنى تۇسۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزى ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغان، جاۋابكار ئەXX بىلەن ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان يۈXXر جاۋابكار تXX بەرگەن قاتناش ساقچىسىنىڭ ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، يولدا پاختا بېسىپ ماڭغان، تۈمۈر جازىسى بار ماشىنىنى تۇسۇپ، قاتناش باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭ، جەرىمانە تۆلەيسەن دىگەننى باھانە قىلىپ، ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىلەن ماشىننىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىپ جاۋابكار تۇXXغا ئاپىرىپ بەرگەن، جاۋابكار تXX ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ زىيانلانغۇچى ئەXXدىن 800 يۈەن، XXدىن 100 يۈەن، ئەكبەر تۇردىدىن 100 يۈەن، تXX 200 يۈەن، قاXX 150 يۈەن، دۋXXردىن 400 يۈەن، ئەXXدىن 200 يۈەن، مەXX 100 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلرنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ

مـەھكىمىمىز جاۋابكار تXX، ئەXXمانلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار تۇXX، ئەXXلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋابكار تXX،ئەXXنلارنى ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئەسكەرتىش: 

1.​ جاۋابكار XX شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق

 2. 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top